2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51.7% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.3% · 98.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.05 / 0.03 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 5 سائەت 52 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3864ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

ئۇيغۇر قىزى

sarki 6 ھېكمەت

ئەنۋەر ھىدايەت

زىنىخىڭدا باھار جىلمىيىپ،
بىر كۈلكەڭدە تارىم كۆكلىدى.
كىرپىكىڭگە چېچەك ئىلىنىپ،
بالكونۇڭدا ئاق قۇ سەكرىدى.

ئالىقىنىڭدا دېڭىز چايقىلىپ،
ئېتىكىڭدە كېيىك تاقلىدى.
ئىزلىرىڭدىن رەيھان ئېچىلىپ،
يوللىرىڭدا بۇلبۇل ساقلىدى.

يۈزلىرىڭدە قۇياش پارلىسا،
سېنى كۆرۈپ ھىلال توختىدى.
تاغلىرىڭنى خىزىر چارلىسا،
كۆزلىرىڭدە ئاھۇ ئۇخلىدى.

چاچلىرىڭغا مەشرەپ ئېسىلىپ،
تورۇسۇڭغا يۇلتۇز تىزىلدى.
ئاھ، شەنىڭگە قامۇس بېسىلىپ،
كۈندە ساڭا داستان يېزىلدى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش