2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى10% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.8% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.15 / 0.16 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 17 سائەت 58 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3169ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

سەن كېلىسەن

sarki 37 ھېكمەت

زۇلپىقار مۇھەممەت

سەن كېلىسەن گۈللەرنى ئويناپ،
يۈرىكىمنى تىنىمسىز بويلاپ.
ۋۇجۇدۇڭدا ئوتلۇق ھاياجان،
سۆيگۈ ئاتلىق ناخشاڭنى توۋلاپ.

سەن كېلىسەن ۋىسالنى ئېلىپ،
گۈلخان كەبى باغرىڭنى يېقىپ.
زوقى بىلەن بېقىپ چىرايلىق،
ئاي قونىدۇ چېھرىڭگە كېلىپ.

سەن كېلىسەن توزدەك جەزبىدار،
خىجىل ھەتتا ھۆسنۈڭدىن باھار.
سېنىڭ بىلەن زىمىستان گويا،
نەۋ باھاردەك بولىدۇ ناھار.

سەن كېلىسەن قۇياش چاقنايدۇ،
ئاسمىنىمدا بۇلۇت تارقايدۇ.
كۈلۈپ بىزنى ئېلىپ ئارىغا،
ھەسەن-ھۈسەن كۆكتە ئوينايدۇ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش