2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.7% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.23 / 0.09 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 48 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3268ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

ئەتىرگۈلۈم

sarki 14 ھېكايە

يۈسۈپجان بارات جەۋھىرى

ئەتىرگۈلۈم ئەسىر بولدۇم چوغدەك لېۋىڭگە،
پاك سۆيگۈنىڭ باغلىرىدا يۈرەك يايرىسۇن.
بىزگە قۇچاق ئاچقان مۇشۇ باھار پەسلىدە،
مەجنۇنتالنىڭ شاخلىرىدا بۇلبۇل سايرىسۇن.

ئەتىرگۈل ئەسىر بولدۇم چوغدەك لېۋىڭگە،
جۈپ يۈرەكنىڭ رىشتىسىدىن كۆكلىسۇن ئالەم.
تەر تۆكەيلى، گۈل-گىياھقا، ئېتىزلىقلارغا،
مېھنىتىمىز شەربىتىگە تولسۇن پىيالەم.

ئەتىرگۈلۈم ئەسىر بولدۇم چوغدەك لېۋىڭگە،
زەر قۇياشنى سۆيگەن چاغدا كۈمۈش ياپراقلار.
بۇ ھاياتنى قەدىرلەيلى، سۆيەيلى ھامان،
سۆيگۈمىزدەك تاشقىنلىسۇن فونتان-بۇلاقلار.

ئەتىرگۈلۈم ئەسىر بولدۇم چوغدەك لېۋىڭگە،
خۇش ھىدىنى تاراتقاندا باغلاردا چېچەك.
بىزگە قۇچاق ئاچقان بەخت بوسۇغىسىدا،
چىن ۋاپادىن ناخشا پۇتسۈن بىر جۈپ قوش يۈرەك.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش