2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى10% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.8% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.15 / 0.16 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 17 سائەت 58 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3169ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

شاھانە تۇيغۇلار كۆڭلۈمدە ئېقىن

sarki 38 ھېكمەت

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

يامغۇرنىڭ قوللىرى چەككەندە دىلنى،
شاھانە تۇيغۇلار كۆڭلۈمدە ئېقىن.
كۈيلەرنى بوغۇزلاپ تاشلىغان نىدا،
گۇگۇمدا خىلۋەتنى يورۇتقاي چېقىن.

قىسسەڭنى سۆزلەيدۇ نېلۇپەر گۈلى،
تورۇستىن ھەشەمسىز ئۆتسە تامچىلار.
ئۇيقۇمنى ئامانەت قويۇپ ئۆسۈمسىز،
كېلىمەن خىيالدىن ئېشىپ قامچىلار.

تۇلپارنىڭ دۈشمىنى قامچىدۇر-قامچا،
پاسىبان دېيىشكە كۆيىدۇ تىلىم.
يامغۇردا چاپمىغان ھەر بىر قەدەمگە،
تېگىدۇ زەي قامچا تاراسلاپ تىم-تىم.

قامچاڭنىڭ زەربىسى ھىجرانغا داۋا،
تۇلپارسىز ياياقمەن ئىشىق چۆلۈڭدە.
مېھرىڭدىن ئۇر قامچە ئاتەش باغرىمغا،
تامچىلاپ سىڭىشەي ئەتىرگۈلۈڭدە.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش