2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.15 / 0.08 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 48 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3271ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

سۆيۈشۈڭگە ئەرزىيدۇ ھەممە

sarki 12 تەرمىلەر

تۇراپجان مۇھەممەد تەلقىن

سەن ئۆزۈڭنى تاپشۇردۇڭ كىمگە؟
مەن قەلبىمنى ھېلىقى جايغا.
كىملەر دېدى سېنى پەرىشتە،
كىملەر سېنى ئوخشاتتى ئايغا؟

كىملەرنى دەپ بولدۇڭ پەرىشان،
كىملەر ئۈچۈن قۇردۇڭ تۇيۇق يول.
يەنە كىمنى كۈيلىدى تىنماي،
بېغىڭدىكى ناتىۋان بۇلبۇل.

كىملەر سەنچۈن بولدى بىباھا،
سۆيمەكچىدىڭ كىمنى ئۆلگۈدەك.
لەۋلىرىڭنى قاناتتى كىملەر،
كىملەر ساڭا بولدى بى كېرەك.

كىملەر ئۈچۈن يىغلىدى يۇم-يۇم،
باغرىڭدىكى چەكسىز تەنھالىق.
سۆيۈشۈڭگە ئەرزىيدۇ ھەممە،
ھېس قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە تالىق.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش