ئاياغ ساناش
مۇئەللىم ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا <مەن ساڭا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىمەن، سەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئاتا-ئاناڭنىڭ قانچە جۈپ ئايىغى بارلىقىنى سانىغىن، ئاندىن ئەتە ماڭا نەتىجىسىنى دېگىن> دەپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى، مۇئەللىم ئۇ ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ:
-تۆنۈگۈن كەچتە ئاياغلارنى سانىدىڭمۇ يوق؟> دەپ سوراپتۇ.
-سانىدىم .- دەپتۇ ئۇ.
مۇئەللىم يەنە ئىچكىرلەپ :
-سېنىڭ داداڭنىڭ قانچە جۈپ ئايىغى بار ئىكەن ؟
-تۆت جۈپ.
-ئاپاڭنىڭ قانچە جۈپ ئايىغى بار ئىكەن ؟
-ئالتە جۈپ .
مۇئەللىم سەل توختىۋالغاندىن كېيىن يەنە:
-سېنىڭ قانچە جۈپ ئايىغىڭ بار ؟
ئوقۇغۇچى يۈزلىرى قىزارغان ھالدا، جىم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
-12 جۈپ - دەپ بوش ئاۋازدا جاۋاب بېرىپتۇ.
-سەن يەنە ئاچچىقلىنامسەن ؟
بۇ چاغدا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆز چاناقلىرى لىق ياشقا تولۇپتۇ ھەم گېلى بوغۇلغان ھالدا :
-مۇئەللىم، مەن خاتا قىپتىمەن. بىراق مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ باقماي تۇرۇپ، قانداقسىگە ئاتا-ئانامنىڭ ئايىغىنىڭ مېنىڭكىدىن ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىڭىز ؟
مۇئەللىم چوڭقۇر تىنغان ھالدا:
-ئاتا-ئانىنىڭ ئايىغى دائىم پەرزەنتىنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ، ھەممە ئائىلە ئوخشاش، پەقەت پەرزەنت بولغۇچىنىڭ پات-پات ساناپ بېقىش ئېسىگە كەلمەيدۇ، خالاس.
تېخى باھا يوق