2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.3% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى78.2% · 93.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 165 كۈن 19 سائەت 47 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
1147ئومۇمىي زىيارەت
4476يۈرگەن كۈنلىرى

ھېكمەتلەر (11)

sarki 1 ھېكمەت

◆پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.
◆ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ – داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر.
◆ئىجاد – ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.
◆تۇرمۇش ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار تولۇق نېسىۋىگە ئېرىشسە، بىكار تەلەپ، لايغەزەللەر ئاخىرى بېرىپ نادامەت پاتقىقىغا پاتىدۇ.
◆تۇرمۇشنىڭ ھەممە يوللىرى ئادىللىق بىلەن تولغان ھەم ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال سىز كۆرگەن شېرىن چۈشلەردىلا ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولىدۇ، بىراق چۈش ئۇ رېئاللىق ئەمەس.
◆تۇرمۇشى مول مەنىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ھەسەن – ھۈسەندەك رەڭدار بولىدۇ؛ مەززىسى يوق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇشى توختام سۇغا ئوخشايدۇ.
◆دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.
◆تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.
◆تۇرمۇش ئاچچىق – چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.
◆تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كىشى ئۈشكە روھىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلسا بولىدۇ. ئۈشكىگە چۈشكەن بېسىم قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇنىڭ تېشىپ كىرىش كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ.
◆تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىش ئىستىكىدىلا يۈرگۈچىلەر ھەر دائىم تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە بېخىللىق قىلىۋاتقانلىقىدىن، مەززىسىزلىكىدىن زارلانسا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان ئىلتىپاتلىرىغا، ئۇنىڭ رەڭدارلىشىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.
◆تۇرمۇش پېچىدا ئاجىزلار يوقىلىپ، كۈچلۈكلەر پولاتتەك تاۋلىنىدۇ.
◆تۇرمۇش پۈتمەس – تۈگىمەس، مەنىگە باي، شۇنداقلا لەززەتلىك قامۇسقا ئوخشايدۇ، ھەر كىم ھەر كۈنى بۇ قامۇس ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدۇ، ئەمما ھەركىمنىڭ ئۇنى يېزىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ.
◆تۇرمۇش تەڭرىتاغ چوققىلىرىدىكى قار لەيلىسىگە ئوخشايدۇ. قارلىق چوققىلاردىكى قەھرىتان سوغۇق، كۈچلۈك شىۋىرغانلارنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىلىقلا ئاشۇنداق چىرايلىق، كۆركەم قار لەيلىسى كۆز ئاچىدۇ.
◆تۇرمۇش يېڭىلىق يارىتىش، ئالغا ئىنتىلىش دېگەنلىكتۇر. تۇرمۇش قىسسىسى كۈرەشچان قەلەم ئارقىلىقلا يېزىلىدۇ.
◆تۇرمۇش — بىپايان دېڭىز. ئۇنىڭدا قورقۇنچاقلا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ، قەيسەر ئوغلانلارلا دولقۇنلار ئەۋجىدە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
◆تۇرمۇش ئاچچىق – چۈچۈك زەيتۇن مېغىزىغا ئوخشايدۇ.
◆تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش