يوقالغان بىر كۈن
1522-يىلى يەرشارىنى بىر ئايلىنىپ چىققان ئىسپانىيە دېڭىزچىلىرى سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن، بىر ئىشقا ھەيران قالغان.بۇ ساياھەتچىلەر ئىسپانىيىدىن يولغا چىقىش بىلەنلا ئارلىقتا قانچە ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى خاتىرلەپ تۇرغانىدى. ئۇلار سەپرىدىن قايتىپ كەلگەن كۈنى، ئۇلارنىڭ ھېسابى بويىچە 1522-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى دەپ خاتىرلىگەنىدى، ئەپسۇسكى، شۇ كۈنى ئىسپانىيە كالىندارىدا 1522-يىلى3-ئاينىڭ7-كۈنى بۇلۇپ، بىركۈن كەم چىققان .
دېڭىزچىلار تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە يوقالغان بىر كۈننىڭ قەيەرگە كەتكەنلىگىدىن ئىبارەت بۇ سىرنى چۈشۈنۈپ يېتەلمىگەن. ئەسلىدە بۇ چوڭ تەبىئەتنىڭ چاقچىقى بولۇپ، مەسىلە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلانغانلىقىدا ئىدى. يەرشارى غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ئۆز ئوقىدا ئايلانغانلىقىتىن، شەرىق تەرەپتە غەرىپ تەرەپكە نىسبەتەن ھامان كۈننى بالدۇر كۆرگىلى بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، شەرىق تەرەپتە ۋاقىت غەرىپ تەرەپتىن بالدۇر بولىدۇ. ئەينى يىلى ماگىلان باشچىلىقىدىكى دېڭىزچىلار شەرىقتىن غەرىپ تەرەپكە قاراپ ماڭغان، ئۇلار يەرشارىنى ئايلىنىش سەپىرىدە، يەرشارىنىڭ ئايلىنىش يۆلىنىشىگە قارشى ماڭغان، يەنى ئولتۇرۋاتقان كۈننى قوغلاپ ئىلگىرلىگەن. شۇڭا، قاراڭغۇ چۈشۈشمۇ كىيىنرەك بولغان. ئۇلارنىڭ ھەركۈنى ئادەتتىكىدىن ئۇزۇنراق بولغان. ئۇلار 1024كۈندە يەر شارىنى تۇلۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندا بىر كۈن يوقالغان. ئەگەر بۇنى تەڭ تەقسىم قىلىدىغان بولساق، ھەركۈنى بىر مىنۇتتىن سەل كۆپرەك ئۇزارغان بولىدۇ. ئۇ چاغدا سائەت بولمىغاچقا بۇنى سەزمىگەنىدى. شۇنداق قىلىپ ۋاقىت ئاز-ئازدىن يىغىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە بىر كۈنگە تەڭلىشىپ قالغان. ئەگەردېڭىزچىلار يەر شارىنىڭ ئايلىنىش يۆلىنىشى بويىچە يەرشارىنى غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ماڭغان بولسا، بىركۈن ئارتۇق چىققان بولاتتى .ۋاقىت جەھەتتىكى بۇ خاتالىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن، 1884-يىلى دۇنيادىكى ئاسترونوملار ۋاشىنگىتوندا بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ ،ئۆلچەملىك ۋاقىت تۈزۈمى تۇرغۇزۇپ، ئاندىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان، يىغىن پۈتۈن يەرشارىنى 24ۋاقىت رايونىغا بۆلۈپ،ئاسىيا بىلەن ئامېرىكا ئارلىقىدىكى تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتىدىغان 180 گىرادۇسلۇق مېردىئان سىزىقىنى خەلقئارالىق چېسلا ئۆزگىرىش سىزىقى قىلىپ بېكىتتى. يەنى يەرشارىدىكى بۈگۈن، تۈنۈگۈن دەپ ئايرىش مۇشۇ سىزىقنى ئاساس قىلىدىغان بولدى. شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ كېتىىپ بارغان ئايروپىلانلار مۇشۇ چىسلا ئۆزگىرىش سىزىقىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا كالىنداردىن بىركۈننى چىقىرىپ ھېساپلايدۇ، ئەكسىچە غەرىپتىن شەرىققە قاراپ كېتىۋاتقان پاراخوت ۋە ئايروپىلانلار چىسلا سىزىقىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا بىر كۈننى قوشۇپ ھېساپلايدۇ. كىشىلەر مۇشۇنداق قىلغاندىلا چېسلادا خاتالىشىپ قالمايدۇ.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)
تېخى باھا يوق