2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.3% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.12 / 0.1 / 0.04
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 53 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3287ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

‏دورا

sarki 29 ساغلاملىق

‏تىلىۋلدى سىدىق

‏‏خۇش پۇراق ئۇرۇلماس تاغلار دەشتى-چۆل،
‏بۇلبۇللار سايرىماس باغلار بىناۋا.
‏تۇيۇلار شۇ دەمدە ھەممە قىياسىز،
‏مۇسبەت ئىلكىدە ھەمدۇ ۋە سانا.
‏ ‏*******^^^^^^^*********
‏ئۆتمۈشنى ئىزلىسەم ئۆزگە ئېقىمدىن،
‏قاباھەت دەۋىرىدە نېمە كۆزلىگەن؟
‏قانغا لىق مىنەلگەن قىزىل مومىنى،
‏ئەپسۇنلۇق دورا دەپ مېيىت ئىزلىگەن.
‏
‏شۇندا بۇ ھېكايە «جېنىم ئامانەت»
‏دېگەنگە رېتسىپنى يازغانتى قورقماي.
‏ھەر بارە مېڭەمدە چاقنايتى بىر ئوت،
‏دورىغا مىنەلگەن ئۆزلۈكىمدە «ۋاي»
‏
‏ئىنسان بىز قەدەمدە تولا مۈدۈرۈپ،
‏ئەپتىمىز تەكتىنى ھارماي بويارمىز.
‏بۇ پەلەك گەردىشى نە كويغا سالماس،
‏گاھىدا ئۇچساق بىز گاھى ئۇيارمىز.
‏
‏چۈشكۈرۈش دەردىدە ئاغرىسا قورساق،
‏قاقاقلاپ كۈلۈشدىن ئەسلا تويارمىز.
‏‏ھىجرانلىق تۈنلەردە ئۇيقۇ بۇزۇلسا،
‏خىسلەتلىك دورىنى باشقا قويارمىز.
‏
‏قورقىمەن قاباھەت چاقىرسا مېنى،
‏يالاڭاچ گەۋدەمنى يا ئوقى بىلەن.
‏قۇم-بوران شاۋقۇنى خەندەكتە تۇرسا،
‏ئاقىۋەت قويارمۇ تېنىمنى تېمەن.
‏
‏شۇ ئازاپ توختىماي گېلىمنى سىقسا،
‏دورىگەر ھاياتتا ياشاركەن «گۈلۈم»
‏شۇنچە خوپ ياراشقان ھۆسنى جامالغا،
‏ۋاي ئەجەپ شۇ ئەقىل سالماپتۇ كۆرۈم.
‏
‏كۈلۈشنى بىلمىدىم كۈلگىن دېسىمۇ،
‏مەلھىمى ھاياتنىڭ ئاچچىق تۇرسا ئوق.
‏مەلئۇنغا يۈكلىمەي ئۆزۈم ھاپاشلاي،
‏يىگىنىم سۆڭەكسىز ھارام يېرى لوق.

‏قېتىمى قارارلىق مۇددىتى ھەم دەل،
‏دورىلىق بەدەلنىڭ پەيزىن سۈرۈپمەن.
‏قاچانمۇ كېچەرمەن ئېسىل دوراڭدىن،
‏«دورىگەر»نامىڭنى ئەمدى بىلىپمەن.
‏*******^^^^^^^^^^^**********
‏سۆزلىمەس تىللىرىم چىقماس كۆپ سادا،
‏قايمىقۇش ئىلكىدە كۈنلەر خىرامان.
‏يورغا ئات مىسالى باسسام ئۇزاق يول،
‏دېمڭلار بۇ ئەمدى سۈرمەكتە دەۋران.
‏
‏2015 -يىلى 24-فېۋرال، باۋدېڭ

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش