2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.14 / 0.1 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 44 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3305ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

كەت

sarki 10 ھېكايە

‏تىلەكلەر ئىلكىدە تەنە قىلغۇچە،
‏سۆزۈڭنى ئەگىتمەي ئۆدۇل ئۈزۈپ كەت.
‏ھەمسەپەر بولما دەپ قىلدىڭ كۆپ خىتاپ،
‏دېڭىزنىڭ قېتىغا سەنلا ئۈزۈپ كەت.
‏
‏بىخۇدلۇق بىر مەندىن ئالمىغان رۇخسەت،
‏ئەس -ھۇشىڭ بولمىسا مېنى ئۇنتۇپ كەت.
‏چەكمىگىن تارىمنى سازىم سازلاقتۇر،
‏سازەندە بولمىساڭ مېنى قويۇپ كەت.
‏
‏‏قۇيۇندا قالمىغان مېنىڭ جىسمىممۇ،
‏يوغان كۆز بولساڭمۇ قاراپ قويۇپ كەت.
‏بىلمىدىم كېلەركى مەنزىلىڭ قاياق،
‏چېدىساڭ چىناردەك مەغرۇر تۇرۇپ كەت.
‏
‏ۋۇجۇدۇم تەكتىدە يىلنجار يالقۇن،
‏ئۇنۇتساڭ چوغىدىن تانماي قېچىپ كەت.
باھادىر ئېتىڭتىم چاپتۇرساڭ نەگە،
‏‏قاناتىڭ بولسىلا ئەمدى كېچىپ كەت.
‏
‏سۆزلەشكە تىللىرىڭ كەلمىسە زاتەن،
‏خېتىڭنى يۈرەكتىن ئۆزۈڭ سۈرتۈپ كەت.
‏كۆزۈمدە كۆمۈلدى ھەسرەت مۇردىسى،
‏تاش يۈرەك بولساڭلا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەت.
‏
‏كۆرمىدىڭ بىر مەھەل مىسكىن چېھرىمنى،
‏كۈلكىلىك ئاۋازدىن ئەمدى تويۇپ كەت.
‏ئاتاققا قالسىمۇ مۇز دېگەن يۈرەك،
‏«مۇز داۋان» ئىلكىدىن كاچكول ئويۇپ كەت.
‏
‏ئەمەسمەن ناتىۋان ئىگىلمەس روھىم،
‏مەن ئۈچۈن ئىچ ئاغرىق سالماي قويۇپ كەت.
‏تۇرماسمەن ئىزىمدا ھۆركىرەر بۇرغام،
‏شەمشەرۋاز بولساڭ گەر مېنى سويۇپ كەت.

‏2015-يىلى 4-يانىۋار (قىزىلسۇ)

‏تىلىۋالدى سىدىق

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: مېھرىگۈل خۇدابەردى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش