2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.1 / 0.1 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 45 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3318ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

كەچمىش سەترىسى

sarki 9 ھېكايە

ئاڭلا دوستۇم ھەقىقەت سۇ سىڭمەيدۇ داق يەرگە،
ئەركەك بولۇپ سانالماس ئايال چۆمسە لىق تەرگە.
باشقا كەلدى كەچمىشلەر ھېسابلىرى سۇئالسىز،
قىياپىتى پارقىراق «ئالتۇن» تەنلىك بەندىگە.

قاناتىنى كەڭ كېرىپ ئۇچسا كۆكنىڭ قەرىدە،
قىسمىقىمدا يەم بار دەپ سالار كىمنىڭ سەمىگە.
كۆرۈپ قالسام ناۋادا يەمچۈكىنى يىراقتىن،
ئەلەس كۆززلۈك ئالۋاستى دەپ ئاتالدىم بەزىدە.

ئايرىماسكەن شېغىلنى قۇم توپىدىن تېشىدىن
لايلا بولسا بولاركەن پەرىق ئەتمەي بېتىدىن.
ھاپلا قىلىپ يۈتمەكنى ئىزلەر نەپلا بولسا دەپ،
ئۇلى مەھكەم چۈنكى ئۇ تۇتقاچ چوڭنىڭ سېپىدىن.

يېرىم سوغا سۈيىمۇ تۇرماس ئىكەن تەڭنىدە،
تۈۋى تۆشۈك ئەزەلدىن كار كەلمەيدۇ ھېچنېمە.
كىرسە دەيدۇ چىقماقنى تەرىك ئېتەر ھەر زامان،
ئەپلەپ كېتەر ھەممىنى كۆنۈۋالغان سەنەمدە.

قاقاقلاشنى ئۆگندىم شاخقا چىققان توخۇدىن،
تاڭ ئاتماستا قېرقىراپ ئاستا قاچتىم ئوقۇردىن.
داننى سەپكەن كىمۇ دەپ سوت ئاچالماس ھېچ كىشى،
سەنلا دېمەي ئۆزۈممۇ نامنى ئالغاچ پوخۇردىن.

ھايات دەيدۇ بەزىلەر مانا شۇنداق بەيگە دەپ.
تۇلپار دېسە نوچى مەن، ئاجىز دەيدۇ توختا دەپ
تونۇپ يەتتىم ئاتالمىش بەيگىسىدە ئىنساننىڭ،
زاتەن كوسال ئاتلىرى يىپ ئۈزەركەن ئوڭمۇ-چەپ.
2013-يىلى 23-فېۋرال

تىلۋالدى سىدىق

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش