2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.6% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.02 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 163 كۈن 20 سائەت 57 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
425ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

سەبىرسىز خىيال

sarki 1 ھېكايە

كۈل دېسە كۈلەمدىم كۈلگۈم كەلمىسە،
ياش تۆكۈپ يىغلايمەن كەبەم ئىچىدە.
پەيلىرى قىرىلغان ياردار قۇش گويا،
ئۆمىلەپ ماڭارمەن ھەسرەت ئىچىدە.

ئۆزلۈكنى ئىزدىسەم كىملىك بېتىدىن،
قېنىمدا ئۇرغىغان ئەجدادىم قېنى.
كىندىكىم كېسىلگەن ئەشۇ دەقىقە،
بولغانتى كۆپ ئىشلار خېلىللا يېڭى.

مۈشكىلات سەپەرنىڭ مەنزىلى ئۇزاق،
قەدەمدە مۈدۈرسەم دەس تۇردۇم شۇئان.
گاھ بولسام گۈلخاننىڭ يالقۇنى گويا،
گاھىدا يالقۇنسىز بوپ قالدىم تۇمان.

بەزىدە بوستانلىق بۇلبۇل بوپ ئۆزۈم،
گۈل ئۈچۈن سايراشتا بولدۇم مىنەۋۋەر.
تۇرسىمۇ باغاشلاپ قالدىم بەزىدە،
كۆرۈشكە چېھرىنى بولماي مۇيەسسەر.

گۈل ئۈچۈن بۇلبۇلى بىۋاپا ئەمەس،
ۋاپانى بىلمەسلىك ھەممىدىن يامان.
ياڭرايدۇ ئەزەلدىن بۇ گۈزەل ناخشا،
بۇلبۇلنىڭ ساداسى بولغاچ گۈل تامان.

سەبرىنى ئىزلەيمەن سەبرىلىكلەردىن،
بولغاچقا ھەر ئىشىم ماڭا بىتاقەت.
كېم بىلەر قىسمىتىم گەردىشى نېمە؟
كۆرمىكىم نە بولغاي قېنى ئاقىۋەت.

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى(بېيجىڭ)
تىلۋالدى سىدىق

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش