ئىزلەرمەن سېنى
تىلۋالدى سىدىق
كەتتىڭا ئوغۇرلاپ قەلبىمنى مېنىڭ،
ۋە لېكىن ماكانىڭ تۇراتتى بۇندا.
پەرۋازىڭ توختىماي قاقماقتا قانات،
رېشتىمگە يىپ تارتىپ كېتەرسەن قايدا.
سىمايىڭ پارلايدۇ قارلىق كوچىدا،
ياڭرار ھەم سۆزلىرىڭ قۇلاق تۈۋىمدە.
لەۋلىرىڭ مۆھىرى بېسىلغان مەرتەم،
لەززىتى كەتمەسكەن ھەتتا چۈشۈمدە.
كېزەرمەن يۇرت بويلاپ بىخۇددۇر جىسمىم،
روھىمنى ئىپ كەتتىڭ بولدۇم سەرگەردان.
كۆزلىرىم تەكتىدە ئاچچىق ھېس تامار،
ئاتاقتا خوش كەيىپ سۈرسەممۇ دەۋران.
ھاياتىم مەنزىلى چاقناتسا ئۇچقۇن،
ۋۇجۇدۇم تەكتىدە ئۇرۇلدى خەندان.
قىسمەتكە يول ئاچقان قوش بېسلىق خەنجەر،
تۈتەكسىز جەڭلەرگە تۈزمەكتە مەيدان.
ئەسلەپلا يۈرەرمەن باسقان ئىزىمنى،
ئۆزلۈكنى ھېچقاچان كۆرمەي باشقىدىن.
ھەم شۇندا ئىزلەيمەن يېڭى يولۇمنى،
بولسىكەن دەپ ئېتىم يورغا قاشقىدىن.
مەن ئىزلەپ يۈرگىنىم ئاددى بىر ئىنسان،
زاتەنكى چۆچۆكتەك ئەمەس ئۇ بەلكى.
سۆيۈشنى ئىستەيمەن غۇلاچلار كېرىپ،
يىراقتا بولسىمۇ گەر ئۇنىڭ ۋەسلى.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى(ئاتۇش)
تېخى باھا يوق