2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.1 / 0.1 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 45 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3318ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

كەچۈر گۈلۈم

sarki 11 ھېكايە

‏تىلىۋالدى سىدىق

‏سۈبھىدە سايرىسا مۇڭلۇق كۈيلىرىڭ،
‏زەخمەكنى ئۇراتتىم ھاياجان ئىلە.
‏جانىمغا جان بەرگەن كىندىك ماكاندىن،
‏شۇ يىراق دىيارغا ماڭدىڭ غىپپىدە.
‏
‏چېھرىڭدە تەبەسسۇم چاقنىغان ئىدى،
‏مەن سېنى سۆيمەن دېگەن چېغىمدا.
‏ئوت كەبى لاۋىلداپ تۇرار ئىدىم مەن،
‏ساق ئوتتۇز پورەك بار بولغاچ بېغىمدا.
‏
‏تىلەك دەپ تىللىرىڭ كەتكەندە سايراپ،
‏مۇنەۋۋەر بولغىنىم دوستلاردىن پەرق.
‏ئاي دېدىم، ئىسمڭغا بېرىپ ئەركىنى،
‏ھېسلىرىم سەن بىلەن ئۇرغاچقا بەرق.
‏
‏ئاشىقلىق دەستىدە مەجنۇن بولغان دەپ،
‏يېزىلغان ئەزەلدە سانسىز كۆپ داستان.
‏بىرشتى قان بەدەل سۆيگۈ قەترىدە،
‏ۋەدىسى قىلماق بوپ چۆللەرنى بوستان.
‏
‏ئۆزلۈكنى ئىزلىسەم سۆيگۈ بېغىڭدىن،
‏ئوتلىرىم كۆيدۈردى بولدىڭ كۈل بولۇپ.
‏ھەقىقەت، نەچچە رەت ئېيتتىڭغۇ ماڭا،
‏سۆيگۈڭگە قەۋەتلا كەتتىم لىق تولۇپ.
‏
‏سۆيگۈنىڭ يالقۇنى بولغاندا گۈلخان،
‏قەھرىتان تۇيۇلماس سوغۇق پەسلىدە.
‏ھەر مەھەل كېچەتتى ئەمما مۇنداق ئوي،
‏بىمەھەل تاپقانتىم بىلسەم ئەسلىدە.
‏
‏قولۇمنى كۆتۈرسەم ئىلتىجا بىلەن،
‏سوغۇق تەر چۆمىدۇ تىنىم تەكتىدە.
‏قەھرىسى ئىگەمىنڭ نەگە ئاتار دەپ،
‏تىللىرىم گاچا بوپ كېتەر بەزىدە.
‏
‏كەبىر دەپ بىلىمەن جانىجان گۈلۈم،
‏دەستۇرلار بېتىدە ئېنىق ھەم ھۆكۈم.
‏سۆيمەن دەپ سېنى قىلمىدىم جاكار،
‏ئەمما بۇ خىتاپلار قەلبىمدە پۈكۈم.
‏
‏تامچىماس تىلىمدىن شەربەتى-شېكەر،
‏سۆيگۈمۇ بەزىدە مۇشۇنداق كۆرۈم.
‏سەبىرنى تىلىگەن تىلەك ئىلكىدە،
‏سەبىرسز بولساڭ سەن كەچۈر ئەي گۈلۈم.
‏
‏2015-يىلى 20-فېۋرال چۈش (ئاتۇش)
‏
‏
‏

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش