2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى78% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.4% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.4% · 98.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 3.06 / 1.94 / 0.85
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 2 سائەت 40 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3847ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

ياپراقزار شەپەق

sarki 5 ھېكايە

ئابىلجان ھېيت

توغراقلىقتا شەپەق رەڭ ئۇپۇق،
ياپراق رەڭگى ئۇپۇق مەڭزىدە.
ئىشق-پىراق قانماي سۆيۈشەر،
گۈل رەڭ لەۋلەر ۋاپا لەۋزىدە.

ئۆچكەن رەڭدە بولماس نۇر، جۇلا،
ئۆي-ماكانسىز دىلدا جاراھەت.
گۈل ئېچىلغان بولسىمۇ گۈلگۈن،
سېرىق رەڭدە بولماس ھارارەت.

سېرىق رەڭلىك توغراق ئېلىدە،
كەچ كۈز پەسلى مۇرات ئۇزارى.
ياپراقلاردىن ئۈنسىز سىرغىغان،
پىشقان ئەرنىڭ كۆڭۈل ئىزھارى.

شەپەق رەڭگى ياپراقنى سۆيسە،
مەستۇ-مەستان قىزىرار جاھان.
توغراق كىرەر گۈلخان شەكلىگە،
ئوت ئىچىدە كۆيۈكى جانان.

ياپراقلارنىڭ گىرىمچىكى كۈن،
ئاي شولىسى ئوينار چېھرىدە.
ھەر بىر ياپراق بىر قەدەھ لىق نۇر،
مەي ئىچىدۇ كۈندۈز، كېچىدە.

توغراقلىقنىڭ مېۋىسى شەپەق،
خۇلقى-نازى تاڭ ھەلقۇمىدا.
يۈرىكىمنى سۆيدى بىر تىنىق،
بىھۇش بولدۇم ئەل قۇملۇقىدا.

تال ياپراقنى سالدىم قوينۇمغا،
پاك ئۆستۈرگەن توپىسى بىلەن.
ئوت رەڭگىنى سالدىم قەلبىمگە،
مېنىڭ بولدى تۇغلۇق كەڭ ئالەم.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش