بەختسىز ئاشىق
ئابدۇرېشىت ئېلى
ئۇچراپ قالدىڭ ماڭا بۇ يولدا،
ھەر ئىككىمىز قاراشتۇق تەڭلا.
ئانام كەلدى ئالدىمدىن تېز-تېز
باراي دېسەم يېنىڭغا ئەمما.
كۆزۈم سەندە، مانا ئۇ كەتتى،
يىراقلاپسەن، يۈگۈردۈم شۇئان.
ھالدىن كېتىپ ساڭا يەتكەندە
قۇچاقلىدى سېنى بىر ئوغلان.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)
تېخى باھا يوق