2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى90% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى56.7% · 4.3 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.4% · 98.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 3.38 / 2.17 / 0.97
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 2 سائەت 41 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3850ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

بىر قىزغا تېز سىزما

sarki 5 ھېكايە

ئادىلجان ئابدۇرېھىم

جان خۇمار شەھلا كۆزۈڭنى قاپقارا گۈلخان دېدىم،
كىرپىكىڭنىڭ ھەر تىلىنى ياپيېشىل بوستان دېدىم.

ھىدلىرىڭنىڭ شاخلىرىدا سايرىشار يورۇق شامال،
لەۋلىرىڭنىڭ غۇنچىسىنى قىپقىزىل رەيھان دېدىم.

كۈن نېمە، يۇلتۇز نېمە، سېھراتلىرىڭنىڭ ئالدىدا،
يۈزلىرىڭنىڭ ئاپتىپىغا قاقلىنار ئاسمان دېدىم.

ئىزلىرىڭنىڭ ئۇپقىنىدا نۇر چاچار رەڭدار شەپەق،
قاشلىرىڭنىڭ ئارىسىدىن تۆكۈلەر داستان دېدىم.

مەي بولۇپ پىشتى چېچىڭنىڭ دەشتىدە بىر تامچە جان،
ھېسلىرىم ئاپئاق سۈكۈتتە ئەيلىدى غەليان دېدىم.

چايقىلىپ ئاقتى ھاياجان ئەڭ گۈزەل يوقلۇق ئارا،
يۈرىكىمنىڭ ياپرىقىدىن ئوخچىدى ئارمان دېدىم.

سۆزلىرىم ئاستى ئۆزىنى قاتمۇقات دارغا، نېتەي،
بىر پىيالە دەردكە ئادىل چۆكتىلەر پىنھان دېدىم.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش