2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.7% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.1% · 98.5 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.1 / 0.08
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 1 سائەت 35 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3841ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

بۇ يەردە

sarki 5 ھېكمەت

ئابلىمىت ئابدۇقادىر

بۇ يەردە تۇيۇقسىز يۈرىكى قاناپ،
ئۆزىنى ئازابلاپ يۈرگەنلەر تولا.
بۇ يەردە دەردىنى توقۇپ كەشتىدەك،
ئۆتكۈزەر كۈنىنى بىر توپ ساراڭلار.

مەن بىر جىن شاپتۇلدا ئەمەستۇر قەستىم،
شاپتۇللۇق باغدىكى چىرايلىق قىزدا.
بۇ يەردە نە قىلسۇن بەختلىك ئادەم،
بەختلىك كىشىلەر چىغىر يوللاردا.

بۇ يەردە تېپىلار قەغەز ۋە قەلەم
دەردىڭنى يازماقچى بولساڭلا ئەگەر.
بار يەنە بۇ يەردە بىر توپ ساۋاتسىز،
بۇرۇنلا كۆمۈلگەن قاقاس قەبرىلەر.

بۇ يەردە بىر ئۆمۈر قاۋىمايدۇ ئىت،
ئىت ئايغا ئايلىنىپ كېتىدۇ پات-پات.
بۇ يەردە شېئىر بار مىسرالىرى يوق،
بۇ يەر بار شۇنداق مەنىلىك ھايات.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش