2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.7% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.1% · 98.5 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.1 / 0.08
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 1 سائەت 35 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3841ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

يىراقتىكى يار

sarki 5 مۇھەببەت

ئادىلجان ئابدۇرېھىم

ئىزدىگەيمەن يار سېنى باغرىمغا بىر ياقماق بولۇپ،
تۆكۈلەر قەلبىمگە لەپ-لەپ ھېسلىرىڭ ياپراق بولۇپ.

گۈلدىكى ھىدىڭنى ھىدلاپ يۈرىمەن مەجنۇنىۋار،
تەنلىرىم يىغلاپ ئىزىمدا توزۇغاي توزغاق بولۇپ.

سېغىنىشنىڭ ئوتلىرى ئاقسا ئىچىمگە تامچىلاپ،
كۆزلىرىم ئۈزگەي يېشىمدا بىر يوچۇن قولۋاق بولۇپ.

چاقىرىپ ئىسمىڭنى تىلسىز لەرزىگەن ئاۋازلىرىم،
كىرپىكىڭنىڭ ئاسمىنىدا چېقىلار چاقماق بولۇپ.

چۈشلىرىمنىڭ سايىسىدا لەۋلىرىڭگە لەۋ يېقىپ،
ئۇچىمەن چېھرىڭدە سەرسان بىر ئوچۇم تۇپراق بولۇپ.

ئايدىكى ھۆسنۈڭنى كۆرمەي كۈندىكى جىلۋەڭنى ھەم،
ھەسرىتىم كۆكلەر جېنىمدا ياپيېشىل يايلاق بولۇپ.

ئەي نىگارا، كەل كۆڭۈل دەشتىمگە ۋەسلىڭ ياغدۇرۇپ،
تەلمۈرەر يىراقتا ئادىل بىر ساڭا مۇشتاق بولۇپ...

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش