2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى4.9% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.8% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.15 / 0.14 / 0.08
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 0 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3298ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

ئانا يۇرت

sarki 22 ۋەتەن ۋە يۇرت

ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن

ئەي ئانا يۇرت، تاغلىرىڭ بەستىگە تارتقان قامىتىم،
بولغىنىم پەرزەنت ساڭا زور ئىپتىخارىم، ئامىتىم.

ئىشىق چۆلىدە پىرقىراپ يۈرسەممۇ گەر قامغاق كەبى،
ئېتىقاد-بۇرچۇمنى دەپ چەككەن رىيازەت راھىتىم.

قىسمىتىم سالغان مۇقەددەس ئىشتىياقىڭنى ماڭا،
ئىشىققا سادىقلىق، ۋاپادارلىق مىزانىم-ئادىتىم.

پۈتمىگەي تەرىپ-سىفاتىڭ كۈيلىسەم شامۇ، سەھەر،
مەۋجۇ ئىلھامىڭدا دەل مەجنۇنغا ئوخشار ھالىتىم.

ئۆز ئۇۋام تۇرسا نىچۈك ئالتۇن قەپەسكە تەلپۈنەي،
يۇرتقا تۇزكورلۇق قىلىش پەيتى زاۋاللىق-ئاپىتىم.

خورلىماق بولسا ئۇنىڭ ئارىنى شۇم ئەغيارىلەر،
تاشقۇسى پەيمانىدىن ئاخىرقى سەۋرىم-تاقىتىم.

كۆلتېگىن جاندىن ئەزىز بىلگەي ئانا يۇرت قەدرىنى،
ئەزگۈ نامىڭ تىلدا زىكرىم، دىلدا ئىشقىڭ تائىتىم.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش