2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.6% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.2% · 96.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.04 / 0.14 / 0.16
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 20 سائەت 48 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3393ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئامان بول

sarki 5 ھېكمەت

گۈلنىساخان ئىمىن

ۋاپادارىم، سەن ئەڭ ئەزىزىم،
سەن بولغاچقا نۇرلىنار كۆزۈم.
سەنسىز مېنىڭ بەختىم كەم بولار،
ئۆزۈڭ بولغاچ راۋاندۇر سۆزۈم.

ياشلىقىمنى ياشناتقۇچى سەن،
چولپان كەبى چاقناتقۇچى سەن.
بوتىلاقمەن ساھىللىرىڭدا،
سۆيگۈ بىلەن تاقلاتقۇچى سەن.

توپا ئالساڭ قولۇڭغا جېنىم،
زەر ئالتۇنغا ئايلىنىپ كەتسۇن.
كۈلكە ئورناپ كەتسۇن چېھرىڭگە،
شادلىقلىرىڭ پەلەككە يەتسۇن.

تۇمارىمسەن بوينۇمغا ئاسقان،
خۇمارىمسەن، شىپالىق دورام.
تىمسال بولسۇن ئۆمرۈڭگە توغراق،
ئامان بولغىن ئەي جېنىم جورام.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش