2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.4% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.57 / 0.31 / 0.16
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 20 سائەت 2 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3354ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

سەن يوق قەشقەرنى قىلدىم تەسەۋۋۇر

sarki 8 ھېكايە

ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت

سەن يوق قەشقەرنى قىلدىم تەسەۋۋۇر،
چۈشتى شارقىراپ كۆزلىرىمدىن ياش.
«ئۆستەڭ بويى» دا يامغۇردا قالدىم،
ئورمانلىقىمدىن چىقمىدى قۇياش.

سەن يوق قەشقەرنى قىلدىم تەسەۋۋۇر،
كوچىلار ئارا كۆكلىدى ھەسرەت.
«جانان كوچىسى» تولدى لىق دەردكە،
«ياۋاغ كۆۋرۈك» تە بولدى قىيامەت.

سەن يوق قەشقەرنى قىلدىم تەسەۋۋۇر،
تەنھالىقىمدا كۆيدى تولۇن ئاي.
«بۇلاق بېشى» دا قونۇپ بىر كېچە،
ئۆگزەڭگە چالما ئاتتىم ئۇخلىماي.

سەن يوق قەشقەرنى قىلدىم تەسەۋۋۇر،
شۇ دەم «ھېيتگاھ» تا توختىدىن ئەزان.
سېغىنىشمنى چىشلەپ قاناتتىم،
ئاقتى «تۈمەن» دە بىر دەريا گۈلخان.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش