2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.4% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.08 / 0.03 / 0.01
داۋاملىق يۈگۈرگەن 163 كۈن 19 سائەت 8 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
318ئومۇمىي زىيارەت
4474يۈرگەن كۈنلىرى

ۋەتەن دېدىم

sarki 5 ۋەتەن ۋە يۇرت

مۇھەممەدجان سەيدۇللا
باھار ئىچرە كۆردۈم ئېلىمنى،
يەنە شادلىق كەزدى دىلىمنى،
ۋەتەن دېدىم، باغلاردا بۇلبۇل
ئارىيەت بەر دېدى تىلىمنى.

نېچۈن مۇنچە سۈپسۈزۈك ئاسمان؟
نېچۈن بۇنچە بۈيۈكتۇر ئارمان؟
ۋەتەن دېدىم، باستى باغرىغا
كەلكۈن كەبى دەۋرەپ ئەل ئامان.

ۋەتەن دېدىم، يۈكسەلدى بېشىم،
ۋەتەن دېدىم، كۈلدى قۇياشىم.
تالاي بەخت ئەيلەندى تارتۇق،
ھاياجاندا تۆكۈلدى يېشىم.

ۋەتەن، ۋەتەن شەرەپ – شانىمىز،
ۋەتەن، ۋەتەن نومۇس – ئارىمىز.

يول سوراپ
زوردۇن ئىمىر
ئەقىل تاپتىم، يول تاپتىم ئاقىللاردىن يول سوراپ.
مەنزىللەرگە ئات چاپتىم قابىللاردىن يول سوراپ.
ياخشىلاردىن ئۆگەندىم، ساختىلاردىن يىرگەندىم،
قەلبى دەريا زەركانە پاك دىللاردىن يول سوراپ.

ھەق سۆزلىدىم ھەق ئىشلەپ، بۇلغانمىدىم ‹‹گال››نى دەپ،
ئادالەتكە پەرۋانە ئادىللاردىن يول سوراپ.
دىلغا پۈكۈپ پىلاننى، يوقاتمىدىم نىشاننى،
تەرىپلىرى داستانە سەرخىللاردىن يول سوراپ.

ئېشىپ تاغۇ داۋانلار، قۇچتۇم ئۇتۇق، قۇت – شانلار،
ئىشتا باتۇر مەردانە كامىللاردىن يول سوراپ.
دېمەك، توغرا يول تاپتىم، يولدا سەپ – سەپ سول تاپتىم،
ساخاۋەتلىك دۇردانە ئاي – يىللاردىن يول سوراپ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: گۈلبەھرەم مۇختار)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش