2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.9% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 1.35 / 0.74 / 0.36
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 1 سائەت 36 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3511ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

كەل

sarki 4 ھېكمەت

دىلبەر مۇھەممەد رېھىم

كەل غېرىب، بېغىمغا پىنھان بۇ كېچە،
سۆيگۈنىڭ يېشىنى تۆككىن دىلىمغا.
كەل جاپا ئازابنى يالغۇز تارتقۇچە،
قالمىسۇن ئۇۋالى دار بوپ جېنىمغا.

باغ ياساپ تىلەكتىن كۈتىمەن سېنى،
لېۋىڭنى جام قىلىپ ئىچىمەن شاراب.
يار مۇنچە ئىنتىزار قىلمىغىن مېنى،
تالدى كۆز ھەر كېچە يولۇڭغا قاراپ.

كۆزۈمگە نۇر بولۇپ قېتىلسۇن كۆزۈڭ،
بولسۇن جەم قوش يۈرەك تاڭلار ئاتقۇچە.
يېشىلسۇن يېشىڭغا يوشۇرغان سۆزۈڭ،
كەتمەيمەن يېنىڭدىن قۇياش پاتقۇچە.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش