2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى4.9% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.7% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82% · 98.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.4 / 0.58 / 0.31
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 0 سائەت 36 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3502ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئەسلىتىدۇ ناخشاڭنى قۇشلار

sarki 5 ھېكمەت

بۇخەلچەم ئابدۇراخمان

لەۋلىرىمدە ئېچىلغان ئىسمىڭ،
سۆزلىرىمگە قونىدۇ لەرزان.
يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ مېھرىڭ،
باغلىرىمدا يۈرسەم خىيابان.

سايىسىدا بىر تال يۇلتۇزنىڭ،
ئولتۇرىمەن كۆزۈڭدەك تىمتاس.
شەبنەملەرگە مەڭزىمنى يېقىپ،
ھەسرىتىڭنى قىلىمەن قىياس.

كۆكلىمەكتە مېنىڭ ھىجرانىم.
باھاردىكى گۈللەرگە ئوخشاش.
تەبىئەتتىن سۆيگۈ سورىسام،
ئاشىقلىقنى ئۆگىتەر قۇياش.

ئەسلىتىدۇ ناخشاڭنى قۇشلار،
ئوتنى سۇغا قوشىمەن شۇندا.
چاقىرىدۇ مېنى ھەم سېنى،
مۇھەببەتتىن يارالغان ئۇۋا.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش