2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51.4% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.12 / 0.05 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 15 سائەت 7 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3756ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

قارىچۇقتىكى ئاينىڭ كېمىسى

sarki 5 ھېكمەت

مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

ئاينىڭ مۇزدەك نۇرلىرى ئارا،
مەن سايەمنى ئۆتتۈم يېتىلەپ،
سىرغىپ كەتتى يۇلتۇزلار ئاستا،
يۈرىكىمنى ئوقۇپ ھەجىلەپ.

جىرالدى بۇ قەلبىم بەتلىرى،
كېچە سۆزلەپ بەرگەندە داستان.
تۈگىمەيدىكەن ئىشىق گەپلىرى،
ئاشىق يېشى قۇرۇغان ئاسمان.

ئېگىز-ئېگىز بىنالار قەبرە،
مەن زىيارەت قىلغان ھازىدار.
ھەربىرىدە چاقنىغان قەترە،
ئۆتمۈشۈمنىڭ يارقىن ئىسمى بار.

مۇساپىردەك مىسكىن بۇ تۇرقۇم،
كېزەر مېنى شەھەر كېچىسى.
پەقەت خىيال ھېچكىمنىڭ ئەمەس،
قارىچۇقۇمدا ئاينىڭ كېمىسى...

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش