2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51.3% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.34 / 0.09 / 0.03
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 16 سائەت 4 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3762ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈش

sarki 5 ھېكايە

شۈ كاۋسۇ

ئامېرىكىلىق بىر ياش تۇيۇقسىز نيۇيوركقا بېرىشنى ئويلاپ قاپتۇ، لېكىن ئۇ كۈنكى پويىز بېلىتى سېتىلىپ بولغان بولۇپ، بېلەت ساتقۇچىنىڭ دېيىشىچە، باشقىلارنىڭ بېلەت قايتۇرۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن.
لېكىن بۇ ياش يەنىلا نەرسە – كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، يولغا چىقىشقا تەرەددۇتلىنىپتۇ. خوتۇنى بۇنىڭدىن ھەيران قىلىپ، ئۇنىڭغا چۈشەنمەسلىك نەزەرى بىلەن قاراپتۇ. ئۇ :
-بېرىپ تەلىيىمنى سىناپ باقاي، ئەگەر بېلەت قايتۇرىدىغان ئادەم بولمىسا، يۈك – تاقلارنى كۆتۈرۈپ ئايلىنىپ كېلىمەن، دەپتۇ.
ئۇ ۋوگزالدا ئۇزاق ساقلىغان بولسىمۇ، بىرمۇ ئادەم بېلەت قايتۇرماپتۇ، ۋوگزالدىكى كىشىلەر بېلەت تەكشۈرتۈش ئورنىغا سەلدەك ئېقىشقا باشلاپتۇ. لېكىن ئۇ ياش تاقەتسىزلەنمەي، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپتۇ. پويىز قوزغىلىشقا بەش مىنۇت قالغاندا، بىر ئايال ئالدىراپ – تېنەپ بېلەت قايتۇرۇپتۇ، ياش بۇ ئايال قايتۇرغان بېلەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، نيۇ يوركقا بارىدىغان پويىزغا چىقىپ، ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىلگە قاراپ مېڭىپتۇ.
بۇ كىشى دەل ئامېرىكا تۈرلۈك ماللار ساھەسىدىكى ماگنات گانبىشتۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، مەنىلىك قىلىپ: «مەن شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدىمكى، ھاياتىمدىكى ھەر بىر كىچىككىنە ئۈمىدنىمۇ چىڭ تۇتتۇم، بەزىلەر مېنى ئەخمەق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ دەل مېنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرىپىم» دەيدۇ.
ئىسكەندەر ئەنۋەر تەرجىمىسى

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش