2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى15% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.1% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82% · 98.4 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.03 / 0.04 / 0.05
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 9 سائەت 1 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3800ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

دۇتتار چېلىپ بېرەي مەن سىزگە

sarki 6 ھېكمەت

ۋاھىتجان ئوسمان

يۈرىكىمدەك تىترەپ ئولتۇرۇڭ،
كۆزىڭىزگە كۆزۈم يېقىلسۇن.
نىگاھلاردا يۇلتۇز چېقىلسۇن،
ئۆزىڭىزدىن بىردەم قۇتۇلسۇن.

دارغا چىقسۇن مىڭ يىللىق ئەلەم،
قونۇۋالسۇن ماڭا قەلبىڭىز،
بېشىمغا تاج بولسۇن غەلۋىڭىز،
زەھەر بولسۇن دەردىمگە مەلھەم.

ئەتراپ ئوخشاپ قالسۇن ئاخشامغا،
يامغۇر بولۇپ ياغسۇن يۇلتۇزلار.
قانسۇن كۈيگە دىلى ئۇسسۇزلار،
باغرىڭىزنى قاقلاڭ ناخشامغا.

ۋۇجۇدۇمغا كىرىڭ، مۈكۈنۈڭ،
شەپە بەرمەي تۇرۇپ ئىزلىتىڭ،
چۈشلىرىمنى تىنماي سۆزلىتىڭ،
سىرلىق ئارال بولۇشقا كۆنۈڭ،
دۇتتار چېلىپ بېرەي مەن سىزگە،
ھەممەد دەردنى سېلىڭ سىز بىزگە...

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش