2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.8% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.14 / 0.1 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 7 سائەت 49 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3798ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

گۈل قەدەھ

sarki 5 ھېكمەت

ۋاھىتجان ئوسمان

ئوت ئىچىدىن ئۇچۇپ چىققان گۈل،
نە خىيالدا قوندۇڭ قەدەھكە؟
ئېرىشتۈرۈپ قوياي دېدىڭمۇ،
لېۋىمنى ئوت ئۆرتىگەن بەختكە؟

ئېرىمەكتە ئەينەك قان رەڭدە،
يانماقتىسەن يۈرەك شەكلىدە.
كۆيمەكتىمەن گۈر-گۈر بوراندەك،
قەلبىمدىكى يامغۇر پەسلىدە.

مەن ئىزلىگەن شادلىق ئورنىغا،
بىر بالانى قىلما بەخشەندە.
نېمە كۈنلەر بولار، بىلەمسەن
سەن باھارنى ئېلىپ كەتكەندە؟

ئەگەردە سەن بەڭباش قۇش كەبى،
ئۈركۈپ ئۇچۇپ كەتسەڭ مېنىڭدىن.
سېغىنىشلىق سالام خەت يېزىپ،
قىچقىراي دان چېچىپ جېنىمدىن.

ئوت ئىچىدىن ئۇچۇپ چىققان گۈل،
نە خىيالدا قوندۇڭ قەدەھكە؟
لېۋىم تەگسەن ئوتتەك لېۋىڭگە،
باغرىم تولۇق قانىدۇ دەردكە!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش