2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.9% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.06 / 0.19 / 0.16
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 17 سائەت 2 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3766ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

تەنھالىقتا ئەسلى گۈزەللىك

sarki 4 ھېكمەت

زەپەر ئابدۇلھەي شەرقى

مەن ئۇنتۇلۇپ كېتەي خىلۋەتتە،
نەزەرلەرگە يۈرمەي چېلىقىپ.
چىمەنلەردە ياتسام خىرامان،
كۈلىدىكەن قەلبىم تېلىقىپ.

خىلۋەتلەردە كەتسەم ئۇنتۇلۇپ،
ساما سېلىپ ئوينايدىكەن دىل.
تەنھالىقتا ئەسلى گۈزەللىك،
قىيام بولۇپ يارىدىكەن تىل.

مەن ئۇنتۇلۇپ كېتەي بولدىلا،
قۇشلار بىلەن قېقىۋالاي پەر.
بۇلۇتلارنىڭ كىرىپ قوينىغا،
ئۇچۇپ باراي ئۇپۇققا قەدەر.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش