2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.6% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.13 / 0.16 / 0.11
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 18 سائەت 1 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3770ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

سۆيگۈچىدىن قەسىدە

sarki 4 ھېكمەت

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

كۆزۈڭ سۆزلەپ تۇرسا ھەممىنى،
نە ھاجەتتۇر سۈكۈت، تېڭىرقاش؟
ئاشىق ئۈچۈن ئۇياتتۇر، ئەركەم،
مەشۇقىدىن ئارتۇق يېتىرقاش.

قولۋاق بولۇپ ئۈزسەڭ چۈشۈمدە،
سېنى ئېلىپ كېتىمەن يىراق.
بۇلاق بولۇپ يۈرسەڭ كۈيۈمدە،
تاشلىنىمەن بولۇپ يوپۇرماق.

كەلسەڭ ئەگەر قەلبىمنى سوراپ،
ئالغىن سۆيگۈڭ چىن بولسا ئەگەر.
سۇنالىساڭ تەرگەن گۈلۈڭنى،
چاچ ئاقىرىپ كەتكەنگە قەدەر.

شېئىر يازساڭ مىسرالىرىغا،
قوشۇپ قويغىن پىچىرلىشىڭنى.
بولۇپ ساڭا سادىق ئوقۇرمەن،
تىڭشىۋالاي يۈرەك سىرىڭنى.

قولۋىقىمنى ھەيدەپ سەن تامان،
بىر كۈن كۈلۈپ كېلىمەن ھامان.
گۈلدەستەڭنى ئالسام ناز بىلەن،
كۈلۈپ كېتەر پۈتكۈل يەر-جاھان!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش