2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.9% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.35 / 0.1 / 0.03
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 47 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3262ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

تەقدىرگە سۇئال

sarki 17 ھېكايە

تىلۋالدى سىدىق

ياشلىقنىڭ ھەسرىتى ئۆرتەيدۇ مەرتەم،
چوغ كەبى پارلىغان ئاتەش يۈرەكتىن.
قىسمەتلەر باغلانغان پانى ئالەمدە،
بىلمىدىم تەقدىرىم قايسى پەلەكتىن؟

ئەقىدەڭ مەنسۇپمۇ سادىق كۆڭلۈمگە،
كېچەلمەي يۈرەرمەن كۆڭلۈمنى بەزلەپ.
ياشلىرىم بىشارەت ئالدىمدىكى تاغ،
تاغ باغرى دېڭىزغا كېتەر قوشۇلۇپ.

بىلمىدىم تۇرغىنىم تاغ ياكى دېڭىز،
ئەسلىسەم ئەللەيلەپ تۇرغىنى ئارال.
كەلگىنە دەر ئىدى سۇدىكى قۇياش،
يېپيېڭى ھاياتقا قىلماق بوپ ئامال.

دېڭىزنىڭ قوينىدا ئەركىلەر ئىدى،
قىسمىتى پۈتۈلگەن كىت ياكى بېلىق.
يارالمىش نە ھاجەت يىلىنساممۇ گەر،
قاماللاپ يۇتار ئۇ چىقىرىپ قىلىق.

كەڭ ئېچىپ قولۇمنى قىلاي دەپ پەرۋاز،
كېرىلسەم قاناتىم ئىكەنغۇ كوسال.
تەقدىرىم نە كويغا سالدىڭ مېنى دەپ،
قىسمىتىم ئۈستىدىن قويدۇم مەن سۇئال.

2006-يىل 2-ئاي (ئاتۇش)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش