2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.4% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.08 / 0.03 / 0.01
داۋاملىق يۈگۈرگەن 163 كۈن 19 سائەت 8 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
321ئومۇمىي زىيارەت
4474يۈرگەن كۈنلىرى

بىر باشلىق

sarki 5 ھېكايە

(ساتىرا)
تىلىۋالدى سىدىق

شالدىرلىتىپ قولۇڭدا قۇرۇق قاپاقنى،
كىيىۋالدىڭ بېشىڭغا ئالتۇن تاۋاقنى.
كۆزگە ئىلماي يۈرىيسەن بىزدەك ماياقنى،
ھەممە يەردە بىر نوچى مەمەندان باشلىق.

تۆشەك قىلىپ ئۆزۈڭگە ئېگىز راۋاقنى،
ئۇرۇپ سوقتىڭ ئورۇق- ئاۋاقنى.
سۇنۇپ قويدۇڭ ئاجىزغا گۆشسىز تاماقنى،
سۈر ھەيۋىلىك قاتتىق باش زوراۋان باشلىق.

ھام دېگەنگە ياپىسەن يوغان تۇۋاقنى،
ھاۋ دېگەنگە بىرىسەن ئاچچىق تاياقنى.
سۈركىۋەتتىڭ ھەممىگە بۇنداق بوياقنى،
بىلىملىكلەر بابىدا ئاتامان باشلىق.

يېپىش ئۈچۈن يولۇڭدا زەرچە ياماقنى،
ئەدەپلەپلا يۈرىيسەن بىزدەك ساياقنى.
تاشقا تاڭما تاياق دەپ بەردىڭ ساۋاقنى،
باشقۇرۇشتا بەك ئىلمى تەلەپچان باشلىق.

كۈندە يوقلاپ بەش مەرتەم قەھۋە-قاۋاقنى،
ھەمرا قىلىپ يىنىڭغا تالاي جومباقنى.
ئاچالمىدىڭ شۇنچە قىپ ئىككى قاپاقنى،
كوچىلاردا جەڭ قىلغان قەھرىمان باشلىق.

ئاتا قىپتۇ ئاناڭمۇ يوغان پالاقنى،
كەيىپ سۈرۈپ ئۇرىسەن ئاجىز-ئوماقنى.
ئۇخلاتمايسەن كېچىچە كىچىك بوۋاقنى،
تۈرمە قۇرۇپ ئۆيىدە سوت ئاچقان باشلىق.

ئېلىپ كىرىپ ئۆيۈڭگە نەچچە شاللاقنى،
ياراتمىدىڭ ئەمدى سەن جۈپتىڭ مايماقنى.
ئادەت قىلىپ كۈنىگە ئادەت قويماقنى،
تۈرمە قۇرۇپ ئۆيىدە سوت ئاچقان باشلىق.

ئايرىۋىتىپ ئەلەمدە نەچچە قوشماقنى،
قالدۇردىڭ سەن تالادا تالاي بويتاقنى.
سۈركەپ قيدىڭ يۈزىگە قېلىن سۇۋاقنى،
ئەركىنلىكتە بىر تەنھا پاسىبان باشلىق.

ئېچىپ تۇرسا دوستلىرىڭ كەڭرى قۇچاقنى،
سېلىپ قويدىڭ پارقىراپ يوغان قورساقنى.
تەختلىرىڭ تار ئەمدى كۆزلە ئۇزاقنى،
قانات قېقىپ قىل پەرۋاز جانىجان باشلىق.

2005 يىل 12-ئاي( قاراسۇ)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش