2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى4.8% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.5% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.15 / 0.15 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 17 سائەت 59 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3230ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

جان ئاتا

sarki 36 ئائىلە ۋە تەربىيە

مەرسىيە
تىلىۋالدى سىدىق
ھايات ئەجەپ سىرلىقكەن قىسمەتلەرنىڭ ھەرەمى،
گاھى كۈلۈپ تېلىقسا گاھى قاقشاپ يوۋاشلاپ.
كارۋانىغا باش بولۇپ بەيگىلەردە ھارمىغان،
دۇلدۇلىمۇ ئاخىرەت ياتار يەرنى باغاشلاپ.

شۇ سەھنىنىڭ رولچىسى ئاددى ئىنسان ئۆزۈممۇ،
ئىلىم ئالماق ئىزلەدىم شەھەر كىزىپ ھەر مەھەل.
ئۇچۇر ئالدىم تۇيۇقلا دىيارىمدىن شۇم خەۋەر،
دېدى ئاتام ئايغىغا يېتىپ كەلدى شۇم ئەجەل.

ئىزىن سوراپ كەپتۇ دە ئەزرائىلمۇ ئاتامدىن،
قوبۇل كۆرمەي نە ئامال دەپلا قالدىم تىڭىرقاپ.
قارا باستى كۆز ئالدىم گەر كۆرسەممۇ ھەممىنى،
ھەتتا جانىم قوزاممۇ تۇرۇپ قالدى يېتىرقاپ.

چۈش كۆرمەكنى ئويلىدىم قاباھەتلىك قارادىن،
ئەمدى كۈلۈپ تۇراتتىڭ سىدىقھاجىم ئوغلۇم دەپ.
نى پۇشايمان ئۆكۈنۈش تەندە قالدى قاغجىراپ،
توق يۈرەكلا يۈرۈپتۇق ئۆزۈڭ بولغاچ تاجىم دەپ.

خۇش دەپتىمەن ئويلىسام ئېغىر تىنىق نەپسىڭدە،
قوللىرىڭنى كۆتۈرسەڭ رازى دۇئا لەۋزىگە.
نامازىڭدا تۇرماقنى پۈتمەپتۇ دە ئىگەممۇ،
ياسىن ئوقۇپ بېشىڭدا كىرەلمىدىم رەۋزىگە.

ئۆزگىلەردىن رەنجىمەي ئۆزىن سوراپ بىر ئۆمۈر،
ياشاپ كەلدىڭ ئەي ئاتا ئەل ئىچىگە جاكارلاپ.
تىنىم تاپماي تىرىشتىڭ تاپقانلىرىڭ مىڭ ھالال،
ئارامگاھىڭ بولسىكەن شېھىتلەردىن قاتارلاپ.

ھەر بارىدە مىڭ تاناپ بوغۇشلايدۇ جىسمىمىنى،
چۈنكى ئاتا سەن ئۆزۈڭ ئادەم ئەتتەڭ خۇدۇمنى.
ھەقىقەتنىڭ بابىدا ھەق سۆزلىدىڭ ھېيىقماي،
ئەۋلادلىرىڭ تاپسىكەن ئېلىپ ئۈچبۇ ئۇدۇمنى.

2014-يىلى 5-ئاي 12-كۈنى (بېيجىڭ)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش