2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.15 / 0.08 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 48 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3271ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

تىنىمسىز سۆيگۈ

sarki 21 مۇھەببەت

تىلىۋالدى سىدىق

ئىشىقنىڭ ئوتىدا چاچىراپ ئۇچقۇن،
يۈرەكنى داغلايدۇ تېنىمسىز سۆيگۈ.
تېپىلماس گاھىدا شىپايى داۋا،
بولغاچ ئۇ ئەزەلدىن ئۆزگىچە سەزگۈ.

شۇنچە شوخ جىلۋىدار بىر جۈپ قوش بۇلاق،
ئەسلىتەر قاشلىرىڭ ئەگمە قىيانى.
گۈل ئويۇپ چېكىلگەن لېۋىڭ گۈل گويا،
خىجىل قىپ ھەر قاچان سەۋرى-زىبانى.

ئەسلەيمەن ئەي نىگار ئەبەدىل-ئەبەد،
مىزانىڭ بولسىمۇ مېنىڭدىن كېچىش.
سۆيگۈنىڭ لەززىتى ھارارىتى شۇ،
كەل دېسە كېلەلمەي قاچقاندىن قېچىش.

نېمە بۇ تەقدىرمۇ دەيمەن مەن گاھى،
زەڭگەردەك ئۇپۇقنىڭ باغرىنى چەنلەپ.
ئاھ نېمە شېرىندۇر سۆيگۈ مۇھەببەت،
ئاشىقلار- مەشۇقلار تىلىنى بەتلەپ.

ئاشىقىڭ ئەي نىگار مەن سېنى سۆيگەن،
كەلگىنە باغرىمنى كەڭ ئاچاي ساڭا.
تاپ ۋېسال بولغىن قۇت دېمەكتە پەلەك،
بىھاجەت ئۆزگىچە سۆيگۈلەر ماڭا.

2007-يىلى 8-مارت (ئاتۇش)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش