2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.8% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.27 / 0.09 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 47 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3267ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

ئۇپرىغان ئارال

sarki 21 ھېكايە

تىلىۋالدى سىدىق

ئىزىڭنى ئەسلىسەم تالاي نەچچە رەت،
سىمايىڭ پارلىغان پەشتاق ئۈستىدە.
سۆيگۈگە نە ھەۋەس بىغۇبار يۈرەك،
ۋىللىدە يورىدى ئىشىق دەستىدە.

خىيالەن يۈرگەندە كۈندۈز ۋە كېچە،
ھەر ۋاقىت تولغۇنۇپ ئۇيقۇدىن بىدار.
ئاھ دېسەم پەلەككە زارلىنىپ رەت-رەت،
چۈشۈمدە كۈن بويى قىلىنىدىڭ دىدار.

تولغۇنۇپ، پۈرمۈشۈپ ئاچسام كۆزۈمنى،
تۇراتتى جىمجىتلىق سۈكۈتتە قاقشاپ.
ئەلەملىك تىپىرلاپ يۈرەكىم شۇ دەم،
تىۋىشسىز ئاقتى ياش مەڭزىمنى بويلاپ.

ھەسرەتتە ئۆرتىنىپ سۆيگۈ ئىلاھقا،
سۈبھى تاڭ ئىلكىدە قىلدىم مەن نىدا.
كەچمىشىم ئۈستىدە تۇرغان قىياندەك،
ياڭرىدى قاياقتىن غايىۋى سادا.

«كېچەلمەي كېتىدۇ ئۆمۈردە ئىنسان،
مۇھەببەت يارالغان يوق ئۇندىن ئامال.
شاۋقۇنلۇق دولقۇنى كەتسە ئېقىتىپ،
قالغىنى بىر پەقەت ئۇپرىغان ئارال»

2006-يىلى 2-ئاي (ئاتۇش)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش