2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0.02 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 21 سائەت 24 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3421ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

باھار ئەلچىسى

sarki 8 ھېكايە

تىلۋالدى سىدىق

كەلدى مانا قانات كىرىپ يېشىل كۆكلەم،
چۆمۈپ كەتتى ھاياجانغا بارچە سەنەم.
ئالماق ئىكەن ھەممە نەرسە دادىل قەدەم،
كۈي قوشۇشقا ئاڭا مەنمۇ ئالدىم قەلەم.

كۈنمۇ يىتىپ تۈندىن مانا ئالغان نوپۇز،
ئۈچبۇ كۈنى خەلقىم ئۈچۈن بولۇر نورۇز.
قۇچاق ئاچسا تەبىئەتمۇ بولۇپ بەك ئۇز،
سايراپ كېتەر ھەممە يەردە دۇتتار قومۇز.

دېھقان ئاكام قوللىرىدا گۈرجەك كەتمەن،
يەرگە چاچار ئوغۇتلارنى قىلىپ كىپەن.
ئېتىز-ئېرىق زىلچە كەبى بولسا چىمەن،
بولدى ھەتتا بوۋاي موماي بەرنا تېمەن.

ئەلچى قۇشى قارلىغاچمۇ بولۇپ شاشلار،
قانات قېقىپ كەڭ سامادا ئۇسۇل باشلار.
ئېسىلغاندا نەۋرۇز ئۈچۈن يوغان داشلار،
يايرىيالماي تۇرالامدۇ قىران ياشلار.

يېشىل توندىن لىباس ئوراپ كەڭ تەبىئەت،
تۈزۈپ كەپتۇ ئۆزگىچە بىر قەددى-قامەت.
دېيىشىپلا ئوماق باللار بۇ بىر ئامەت،
بۇت-بۇت بىلەن نەيلەر چالدى قىلماي تاقەت.

قارا ئەنە كۆل بېشىغا كەلدى ئانا،
شەربەتلەردىن ئېلىپ ئىچتى قانماي يانا.
بۇلدۇقلىشىپ شوخ مۇزىكا بولغاچ سادا،
نوتىلارمۇ شوخ شامالدا سالدى ساما.

كەچكى شەپەق تاغ ئۈستىگە قونسا ئەگەر،
كۆمۈش كەبە ئوت تاۋاقنى ئۈزگىڭ كېلەر.
مەيۈسلەنمە يورۇق تاڭمۇ كەتسە كېتەر،
تۈن قوينىغا ئەلچى كەتتى ئاڭلا خەۋەر.

بۆسۈپ چىقىپ تۈن نىسبىدىن ساما-سازلار،
ئورغاق ئايدىن ئورۇن ئالار ئويۇنبازلار.
كۈلكە-چاقچاق مەشرەپلەردە كۆپ ۋائىزلار،
ئەۋلاتلارغا قويار شۇندىن تالاي ئىزلار.

2005-يىلى 23-ئاينىڭ 21-كۈنى
( ئاقتۇ)

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: مېھرىگۈل خۇدابەردى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش