2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0.02 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 21 سائەت 24 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3421ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

نورۇز ساداسى

sarki 7 ھېكايە

تىلىۋالدى سىدىق

قەھرىتان قوينىدىن تەۋەللۇت ئىزلەپ،
ئەلچى بوپ كەلگىنى باش باھار يازىم،
مۇئەللەق دەستىدىن كەرگىنى غۇلاچ،
زىمىنغا بەجائىي مىڭ مەرتە تازىم.

كۈيلىرى بىمەھەل سايرىدى دېمەڭ،
چۈنكى بۇ ئاتامدىن قالغان قارارلىق.
كۈن بىلەن تۈنمۇ ھەم بەيگىگە چۈشسە،
ساداسى نەۋرۇز دەپ ياڭرار ناۋالىق.

نەچچە مىڭ يىللاردىن ئۇدۇم ئەتكىنى،
ئۈچبۇ كۈن باش باھار تەنگە داۋائىي.
ياندىشى ئابىدە تارىخ بېتىدە،
تۈركى تىل خەلقى ھەم پارىس دىيارى.

كۆكلەمنىڭ پەسلىدە ئۇيقۇدىن بىدار،
ئەتىكى ھايات دەپ جىمىكى جانلىق.
دەۋرىلىك چارقىدا جانلىنار ھەممە،
كائىنات قانۇنى بولغاچقا يارلىق.

قار بىلەن قاپلىغان چەكسىش باياۋان،
ئادەملەر ئىزىدىن ئايىنار داۋام.
ھاياتلىق كۈيىگە جۆر بولۇپ لەرزان،
ئويغىتار زىمىننى شاماللار قاينام.

ئەرلىرى ئەر مەن دەپ تۇتقاندا بەلباغ،
ئاياللار كۆك بىلەن تۈگەر چۆچۈرە.
سۈكۈتتە ساقلىغان دەرەخ شاخىنى،
چوكانتال قاپلىدى بۈدىر-بۈدىرە.

سايرىشار ئۆز مەھەل ئېتىز- دالىدا،
كەتمەنگە تەڭكەشچى ساماۋيى قۇشلار.
دېھقاننىڭ تەرىدىن كۈزگە ھوسۇلغا،
قەدەمدىن كۈچ ئالار تۈرۈلگەن مۇشتلار.

خۇشچاقچاق ئەپۇچان، جەسۇر خەلىقىم،
خىسلەتلىك كۈنلەردە تۇرار يارىشىپ.
ئىناقلىق مەشئىلى قوللاردىن ئۆتۈپ،
خۇشپۇراق گۈللەرنى سۇنار قارىشىپ.

ئەي نەۋرۇز خىسلىتىڭ بولمىغاي خۇنۇك،
ئەبەدكە ھەق ئۈچۈن نامىڭ مۈجەسسەم.
ئەۋلادلار گوياكى يورغا كارۋاندەك،
ئىز بېسىپ قوشىمەن دېگەي بىر ھەسسەم.

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى
( بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى)

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: مېھرىگۈل خۇدابەردى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش