2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى53.8% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.19 / 0.2 / 0.18
داۋاملىق يۈگۈرگەن 163 كۈن 21 سائەت 52 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
458ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

نورۇزنامە

sarki 1 ھېكايە

تىلىۋالدى سىدىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نورۇز ئەھلى مەرھابا،
ياڭراپ كەتسۇن زىمىندىن قاناتلانغان بۇ سادا.
قىلدى بۈگۈن نورۇزغا نەچچە ئەزمەت جان پىدا،
قۇچاق ئېچىپ كۈتىۋال ئەجدادلاردىن ئەلۋىدا،
قانچە قىلساڭ مېھنەتنى بىلىدىغان بايرام بۇ.

قېنى دوستلار سەھنىگە بىز چۈشەيلى ئۇسۇلغا،
چاقچاقچىلار قىزىشىپ چۈشۈپ كەتسۇن يۇمۇرغا،
دېھقانلارمۇ ئىشىدىن خەۋەر قىلسۇن ھوسۇلغا،
بۇ خۇشاللىق ئۇلغۇيۇپ ئۆتۈپ كەتسۇن تومۇرغا،
شوخ ئوينايلى ئەي دوستلار يىلدا بىرلا بايرام بۇ.

ئۇچۇر قىلاي قېرىنداش سىزگە قىلغان سالامدىن،
زىمىن ئانا ئۇيقۇدىن ئادا بولغان سەينامدىن.
بۇلدۇقلىشىپ سۈزۈك سۇ مەۋج ئۇرغان قاينامدىن،
دەل-دەرەخمۇ لىباستىن پۇراق چاچقان رەيھاندىن،
مەۋجۇداتلار ھەۋەستە قاناتلانغان بايرام بۇ.

كۈنلەر يېتىپ تۈنىگە ئىللىماقتا تەبىئەت،
مەيىن شامال يۈزىڭنى سۆيۈپ ئۆتەر قانچە رەت.
قارلىغاچلار ۋىچىرلاپ ساما سالار ھەر نۆۋەت،
يېشىللىقنىڭ ئەلچىسى كۆككە تولار تەبىئەت.
نەگە بارساڭ يېشىللىق تامچىلىغان بايرام بۇ.

ئۆتتى كۈنلەر تالاي يىل يېڭىلاندى زامانلار،
زامان بىلەن ئۇۋىلاپ چىقتى نى-نى تامانلار.
تۈلكە جاندا كۆز يۇمسا ئۆز ئىنىغا ماكانلار،
ئۇچساقمۇ گەر ئاسماندا بولۇپ نوچى يامانلار.
شۇنداقتىمۇ چۈشسىلا قۇچاق ئاچار بايرام بۇ.

ئانا زىمىن باغرىدا قېرىنداشكەن كۆپ مىللەت،
قېرىنداشتىن كىر ئىزدەپ تاپالىغان كىم مىننەت.
ھاياتلىقتا ھەممىدىن بىلسەڭ ئەسلى دوست قىممەت،
چۈنكى دوستقا دوست بول دەپ ئېيتىپ كەلگەن شەرىئەت.
ئىناقلىقتا ياشايلى چۈنكى ئۇلۇغ بايرام بۇ.

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
(بېيجىڭ)

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: مېھرىگۈل خۇدابەردى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش