2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.3% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.22 / 0.11 / 0.03
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 20 سائەت 14 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3775ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئېگىزگە ئاقىدىغان دەريا

sarki 5 ھېكايە

قۇربان ئەمەت

بۇ دەريا، ئېگىزگە ئاقىدىغان دەريا. روھىمدىكى بۈيۈك دالىدا، ئۆركەش ياساپ ئاقماقتا ئۇ، قەلبىمدىكى بۈيۈك تاغلارغا.
توۋا دەيدۇ ئەيمىنىپ كىمدۇر، دەريا دېگەن پەسكە ئاقمامدۇ. كۈن شەرقتىن چىقىپ غەربكە پاتقاندەك، قۇش ئۆز ئاسمىنىدا قانات قاققاندەك، چاقماق ئۆز قېنىدا چېقىن چاققاندەك.
دەريا پەسكە ئاقمايدۇ دەيدۇ كىمدۇر. بەلكىم كۆزۈڭ خاتالاشقاندۇر ياكى تورلاشقاندۇر، بەلكىم تۇيغۇڭ بىر رەت ئاداشقاندۇر.
بىراق بۇ دەريا پەستىن ئېگىزگە قاراپ ئاقماقتا. ئەزىمەت دولقۇنلار دەريانىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنى ھەدەپ ئېگىزگە تارتماقتا. دەريا ئۆزىدىن ئارتماقتا، يان بەللەر تۆۋەنلەردە سويلاپ ياتماقتا.
بۇ بىر بۈيۈك دەريا، پەستىن ئېگىزگە ئۆركەشلەيدىغان. بۇ بىر شىرمەت دەريا، ئۆز قېنىدىن كۆكلەيدىغان. بۇ بىر غالىب دەريا، ۋاقىتنىڭ بەرگىدە پورەكلەيدىغان. بۇ بىر ئەزىمەت دەريا، تۆۋەندىن چوققىغا ئۆركەشلەيدىغان.
بۇ دەريا، ئۆركەشلەپ ئاقماقتا پەستىن ئېگىزگە، روھىمدىكى بۈيۈك دالىدا. مەۋجۇد دېسەڭ بۇ دەريا مەۋجۇد، ئاچار سېنىڭ يولۇڭنى ئوچۇق. مەۋجۇد ئەمەس دېسەڭ گەر ئۇنى، مەۋجۇد ئەمەس ئۇنداق بىر دەريا، مەۋجۇد ئەمەس ئۇنداق مۇئەمما، كەلمەس ئۇنىڭدىن سېنىڭ قەلبىڭگە، ھېچبىر بېشارەت، ئۆرنەك يا ئىبرەت.
تۇيغۇم ئېنىق تۇيۇپ تۇرماقتا، قەلبىمدىكى چەكسىز دالىدا، پەستىن ئېگىزگە قاراپ ئاقماقتا، تىنىمسىز دولقۇنلاپ ھەيۋەتلىك دەريا.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش