2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى56.8% · 4.3 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.3% · 98.7 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0.03 / 0.06
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 19 سائەت 23 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.38
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3825ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

ئۆزىڭىزگە نېمىنىڭ كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىنىڭ

sarki 6 ھېكايە

بىر كىشى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ:
ــ تەڭرىم، تۇرمۇشۇمنى باياشاتلىققا ئېرىشتۈرسەڭ، ــ دەپتۇ. تەڭرىدىن سادا كېلىپ:
ــ تۇرمۇشۇڭنى قانداق باياشاتلىققا ئېرىشتۈرىمەن؟ ــ دەپ سوراپتۇ.
ــ مېنى بەختلىك، باي، مەرتىۋىلىك قىلساڭ بولىدۇ.
ــ شۇنداقمۇ، ئەمىسە قانداق بەختكە، مەرتىۋىگە، قانچىلىك بايلىققا ئېرىشكۈڭ بار؟
ــ بۇنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ باشقىلاردىن پەرقلەنگۈدەك قىلساڭلا بولاتتى.
ــ باشقىلاردىن زادى قانچىلىك پەرقلەنگۈڭ بار؟
ــ ھەيدەيدىغانغا پىكاپىم، خەجلەيدىغانغا پۇلۇم بولسىلا بولىدۇ.
ــ ئايدا مائاشىمنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك پۇل بولسا بولىدۇ.
ــ يەنە نىمە تەلىپىڭ بار؟
ــ ئۆيۈم بولسا دەيمەن.
ــ قانداق ئۆيۈڭ بولسا بولىدۇ؟
ــ قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ.
ــ ئەمىسە ھاجەتخانىسى يوق، كىچىك ئۆي بولسىمۇ بولىدىكەن ــ دە.
ــ ياق، ماڭا لازىمى گۈللۈكى بار، ئىككى قەۋەتلىك ئۆي.
ــ مەقسەتلىرىڭ ئەمدى ئازراق ئايدىڭلىشىۋاتىدۇ. پۇلۇڭنى مائاشىڭنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك كۆپەيتىپ بەرسەم يېتەمدۇ؟
ــ يەتمەيدۇ، بەش ھەسسىچىلىك بولسىمۇ يەتمەيدۇ.
ــ تەلىپىڭ تازا ئېنىق ئەمەس. ساڭا ئېيتسام، نۇرغۇن كىشى مەندىن بايلىق، مەرتىۋە تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۆزىگە زادى نېمە لازىملىقىنى، قانچىلىك بولسا يېتىدىغانلىقىنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلمايدۇ. ئەگەر تۇرمۇشۇڭنى بەختلىك، مەنىلىك ئۆتسۇن دېسەڭ، شۇ توغرىدا ئەتراپلىق ئويلىنىشىڭ كېرەك. ئۆزۈڭگە قانچىلىك چوڭلۇقتىكى ئۆي، قايسى ماركىدىكى پىكاپ كېرەكلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شۇ نىشانىڭغا قاراپ تىرىشىشىڭ كېرەك. بۇ گەپلىرىمنى ئېسىڭدە ساقلا، بۇ ساڭا بەرگەن ياردىمىم.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش