2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى55.3% · 4.2 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.2% · 98.6 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.31 / 0.16 / 0.07
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 18 سائەت 19 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.38
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3823ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

كۈتۈلمىگەن ئارزۇلار

sarki 6 ھېكمەت

ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى

تۇغۇلۇشتىن بولسام بىر ئالىم،
بىھاجەتقۇ بىلىم ئاشۇرماق.
70 يىلدەك ئۆگىنىپ باقتىم...
ئالىملىقتىن يىراقمەن، يىراق!

تۇغۇلۇپلا بولسام بىر زەردار،
بىھاجەتقۇ مال-دۇنيا يىغماق.
نەق 40 يىل سودا قىلدىممەن،
چاپىنىم-زەر، روھىمدا ياماق.

تۇغۇلۇپلا بولسام بىر باتۇر،
بىھاجەتقۇ مەيدانغا چىقماق.
50 يىللاپ دۈشمەننى يەڭدىم،
تېخى يىراق باتۇر ئاتالماق.

تۇغۇلۇپلا ۋىسالغا يەتسەم،
بىھاجەتقۇ قىزغا سۆز ئاچماق.
مەغلۇبىيەت بارلىق ئەسلىمەم،
تەسكەن ئادەم بولۇپ ياشىماق!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش