2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى55.2% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.9% · 93.4 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.11 / 0.21 / 0.18
داۋاملىق يۈگۈرگەن 164 كۈن 19 سائەت 13 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
677ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

ئۆتنە ئالەم

sarki 1 ھېكايە

مۇھەممەد تۇداجى
بىر ئائىلىدە تۆت جان — موماي (ئەرنىڭ ئانىسى)، ئەر-خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ قىزى ياشايدىكەن. ئاي، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، موماينىڭ قەددى تېخىمۇ مۈكچىيىپ، يۈرۈش -تۇرۇشى قىيىنلىشىپ، قول -پۇتلىرى تىترەيدىغان، تاماقنى ئوڭلاپ يېيەلمەيدىغان، تولا يۆتىلىپ، تولا تۈكۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئوغۇل بىلەنكېلىننىڭ بۇنىڭغا ئىچى پۇشقىلى تۇرۇپتۇ.
بىر كۈنى ناشتىدا موماي ئالدىدىكى ئىستاكاننى تۇتۇشىغا قولى تىترەپ، ئىستاكان ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭدىكى سۈت داستىخانغا تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. ئوغۇل ۋە كېلىن بۇنىڭدىن بەكمۇ خاپا بولۇپ، ‹‹مەسىلە››نى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ، موماينىڭ غىزالانغاندا تۆكۈپ -چاچقىنىنى تازىلاشقا ئاسان، تۈكۈرۈش، ھاجىتىگە قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن ئۆينىڭ تازىلىق بۆلۈمچىسىنىڭ يېنىغا كىچىك شىرە، ئورۇندۇق قويۇپ، موماينى شۇ يەردە غىزالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرى باشقا ھۇجرىدا غىزالىنىدىغان بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن قىزى بىر كۈنى مەكتەپتىن كېلىپ دەپتىرىگە ھەرخىل رەڭدە رەسىم سىزىشقا تۇتۇنۇپتۇ. ئىشتىن يانغان ئەر قىزىنىڭ ئىشىغا قىزىقىپ سوراپتۇ:
— قىزىم، نېمە سىزىۋاتىسەن؟
— ئورۇندۇق، شىرەنىڭ رەسىمىنى سىزىۋاتىمەن، دادا، چوڭ بولغاندا يېڭى ئۆي سېتىۋېلىپ، تازىلىق ئۆيىنىڭ يېنىغا مۇشۇ شىرە، ئورۇندۇقنى قويۇپ، سەن بىلەن ئانامنى شۇ يەردە ئولتۇرغۇزۇپ ئاش -تاماق بېرىمەن،-دەپتۇ قىز تەبىئىيلا ئەركىلەپ تۇرۇپ. قىزنىڭ گېپى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ. ئۇ بىردە قىزىغا، بىردە رەسىمگە قارىغىنىچە بىرھازا ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ، خوتۇنىنى چاقىرىپ ‹‹كۆردۈڭمۇ؟›› دېگىنىچە يىغلىۋېتىپتۇ. قىزىنىڭ سەبى ‹‹تەنبىھى››دىن ئېسىنى تاپقان ئەر-خوتۇن شۇ كۈنىلا موماينىڭ تۇرمۇشىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقانداق ئىشىنى ئېغىر ئالماي، ئەزىزلەپ كۈتىدىغان بوپتۇ.
چوڭلار، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى ھەربىر سۆز-ھەرىكىتى پەرزەنتلەر ئۈچۈن مۇقەددەس ئۆرنەك. بۇ ‹‹ئۆتنە ئالەم››دەيدۇ كونىلار. شۇڭا، ياش ئاتا-ئانىلار ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىنى قەدىرلەش، ئەزىزلەش، ئۇلارنىڭ تەلەپ، ئارزۇلىرىنى ۋاقتىدا، بەجانىدىل قاندۇرۇش، ھەردەم، ۋايسىماي ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش؛ ئۆزئارا كۆيۈنۈشتىن تارتىپ يۈرۈش-تۇرۇشقىچە پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىسا، پەرزەنتلىرىنى مىللەتنىڭ ئېسىل ئەخلاقىغا تويۇندۇرۇپ تەربىيىلىيەلىشى ۋە ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى پەرزەنتلىرىدىن كۆرەلىشىدە گەپ يوق.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش