2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.2% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.15 / 0.17 / 0.14
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 0 سائەت 39 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3783ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

سۆيگىلى دىلبەر قېنى

sarki 4 ھېكايە

ئادىلجان ئابدۇرېھىم

بىر غېرىب ئاشىق ئىرۇرمەن، سۆيگىلى دىلبەر قېنى،
چاڭقىدىم ھىجران چۆلىدە، يۇتقىلى كەۋسەر قېنى؟

«يار» دېگەن خەتنىڭ ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقاي كېچە،
كۆزلىرىمنىڭ ئاسمىنىدا يانغىلى ئەختەر قېنى؟

سېغىنىشنىڭ ئۆركىشىدە بىخ سۈرەر سەۋدالىقىم،
كىرپىكىمنىڭ گۈلشىنىدىن تارىغان ئەنبەر قېنى؟

تۆكمىدىم قەلبىمنى قارغا، بارلىقىم بىر تۈپ باھار،
سۈپسۈزۈك چۈشنىڭ شېخىدا سايرىغان دەمدەر قېنى؟

چايقىلىپ تۇرغان دەرەخلەر بەرمىگەي دىلدىن ۋىسال،
ئىستىدىم مۇزدا كۆيۈشنى، ئوتتىكى جەۋھەر قېنى؟

سىلجىسام چوڭقۇرلۇقۇمغا چۆككۈسى تۇيغۇمغا تاش،
تەن ئارا سەرگەشتىدۇرمەن، جاندىكى سەرۋەر قېنى؟

كەزدىلەر ئادىل ئۆلۈمنىڭ دەشتىنى ھەردەم تىرىك،
كەل جانان! سالغىن يۈرەككە، سالغىنا خەنجەر قېنى؟!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش