2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.19 / 0.16 / 0.11
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 2 سائەت 50 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3526ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئوتتىكى ئايال

sarki 4 ھېكمەت

ئايىمنىسا سۇلايمان

بىر ئوتتا قالغىنىمنى ساڭا دېمىدىم،
ئىچىمدە لىپمۇلىق شاراب ياتىدۇ.
بىر چۆلمەن، ئۆزۈمگە سىغمايمەن ئەجەب،
كېچىلەر خىيالىمدا قاناپ ياتىدۇ.

سېغىنىش، سېغىنىش، يەنە سېغىنىش،
شۇ قەدەر زۇلمەتلىك تۈنلەرنىڭ رەڭگى.
ئېھ، سېنىڭ باغرىڭدا ئۆلۈپ قالغۇم بار،
مەڭگۈلۈك ئاھىغا يازسۇن پىرچەڭگى.

تېرەكلىك يوللاردا كېتىۋاتىمەن،
سېنىڭ يۈرىكىڭدۇر مېنىڭ مەنزىلىم.
ئېلىپ كەت! باغرىڭدا جېنىمنى بېرەي،
سەن مېنىڭ، مەن سېنىڭ جېنىم، ئامرىقىم!

بىر ھەسرەت يوللاردا ئەگىيدۇ لەرزان،
بىر قىسمەت ئىچىمدە تۇرىدۇ قاناپ.
سەن ماڭا، مەن ساڭا ئاقىمىز مەڭگۈ،
ئەبەدىي كۆكلەيسەن جېنىمدا ياشاپ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش