2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.03 / 0.1 / 0.16
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 3 سائەت 51 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3533ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئايال، ئاسمان ۋە يەنە قۇياش

sarki 14 ھېكمەت

ئايىمنىسا سۇلايمان

ئاياللار بىر قۇياش ئۈچۈن ياشايدۇ،
شۇ قۇياش ئايالنىڭ دۇنياسى ھامان.
مۇھەببەت، مۇھەببەت، ئاھ، ئۇنىڭ ئىسمى،
مۇھەببەت ئىچىدە گۈزەل بۇ جاھان.

بىر قۇياش ئىچىمدە تۇرىدۇ پارلاپ،
بىر ھايات ئالدىمدا ياتىدۇ چۈشتەك.
چېچىلغىن زۇلمەتتىن قالمىسۇن ئەسەر،
ھەم نۇرغا ئايلانسۇن بۇ يۇمران يۈرەك.

ئېھ، مېنىڭ قۇياشىم، تۆكۈل جېنىمغا،
كۆيدۈرگىن، تەپتىڭدىن كۈل بولۇپ كېتەي.
بەر ماڭا ئايانماي بارچە مېھرىڭنى،
ئوت كەتكەن جېنىمنى جېنىڭغا تۆكەي!

سۈپسۈزۈك ئاسمانمەن، سېنىڭ ئاسمىنىڭ،
سۈپسۈزۈك ھاياتمەن ساڭا تاشلانغان.
سەن بەختىم، قۇياشىم ئەبەدىلئەبەد،
نۇرلاندۇر ئاسمىنىمنى، جېنىم قەدىردان!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش