2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى27.5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى61% · 4.6 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى78.2% · 93.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.07 / 0.13 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 165 كۈن 21 سائەت 43 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
1162ئومۇمىي زىيارەت
4477يۈرگەن كۈنلىرى

ھەقىقى مۇھەببەت ئۈن -تىنسىز بولىدۇ

sarki 1 مۇھەببەت

بىر كۈنى دادامدىن :
-ئاپام ئىككىڭلار ئۇزۇن يىل ئۆي تۇتتۇڭلار، ئۇنىڭغا ‹‹ سىزنى سۆيىمەن ›› دېگەن گەپلەرنى قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟ - دەپ سورىدىم . دادام كۈلۈپ قويۇپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتى ۋە ئارقىدىن كەسكىن قىلىپ :
- ياق - دىدى .
- نىمىشقا دىمەيسىز، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق گەپلەرگە بەك مۇھتاج – دىدىم مەن .
- بۇ گەپ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ ، ئىغىزدىن چىقارماقمۇ بىئەپ ئەتمىليەتتە تۇرمۇشتىكى بەزى نەرسىلەرنى قەلىبتە يۇشۇرسا چىن بولىدۇ ، ئىغىزدىن چىقارغاندىن كىيىنلا لاۋزىلىشىپ قالىدۇ – دادام سۆزلەۋىتىپ شۇيەرگە كەلگەندە ،ئادىتى بويىچە تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىچىگە قاتتىق بىرنى شورىدى . شۇ ئەسنادا ئاپام يىنىمىزدىن ئۆتۈپ قالدى ،ئۇ تاماكىنى دادامنىڭ قولىدىن شارىتتىدە تارتىپ ئىلىپ ، كايىپ كەتتى :
- دوختۇر ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرەي دىسىڭىز ، تاماكىنى كۆپ چەكمەڭ دەپ قانچە قىتىم ئىيىتتى ، گەپ ئاڭلىمايدىكەنسىز.
دادام پەخىرلەنگەن ھالدا ماڭا قاراپ قويدى ۋە خوشال ھەم تەمكىن ھالدا :
-كۆرگەنسەن ، مۇھەببەت دىگەن مانا شۇ – دېدى.
بىر كۈنلەردە ھەممىمىز ھاياتلىق تەجرىبىلىرىمىزدىن نىمىنىڭ ھەقىقى مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىمىز ، گەرچە ئۇ كىتاپلاردا يىزىلغاندەك يارقىن ۋە مۇكەممەل بولمىسىمۇ ، لىكىن ھەقىقى ھەم ئىشەنچلىك بولىدۇ ئاپام بىلەن دادام ئۆمرىدە بىر – بىرىگە ئاتاپ مۇھەببەت قوشاقلىرى يىزىپ باققان ئەمەس ، لىكىن ئۇلار پەرزەنىتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن ، كىچە – كۈندۈز تەرلەپ – پىشىپ ئىشلىدى . بۇ جەرياندا ھىسسىيات يىپلىرى بىلەن مۇھەببەت ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى .
بىلىشىمىز كېرەككى بىر ۋاخ تاماقنىڭ ئىچىدىمۇ مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بار بولىدۇ !

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش