ئاتىسى بىلەن بىللە ئوينايدىغان بالىلار
1958– يىلى مارت ئېيىنىڭ مەلۇم بىر ھەپتىسى ئەنگىلىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇغۇلغان 17 مىڭ بوۋاقنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ئالىملار شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ، 1965 – يىلىغا كەلگەندە ئۇلار بۇ بوۋاقلانىڭ ئاتا – ئانىلىرىدىن كۈندە نەچچە سائەت ۋاقىتنى بالىلار بىلەن بىللە بولۇپ ، ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى ، ئۇلار بىلەن بىللە دالا سەيلىسىگە چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى سورىدى . بۇ بالىلار 11 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنى سىناش تەجرىبىسى ئىشلىدى . نەتىجە ئاخىرى مۇنداق بولدى : دائىم ئاتىسى بىلەن بىللە بولغان بالىلارنىڭ كېيىنكى چاغلاردا تەڭتۇشلىرىدىن ئەقلىي قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان ھەمدە ئاتىسى مەنسۈپ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئاسانلا ھالقىپ، ئاتىسىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، ئاتىسى بىلەن بىللە بولغان بالىلاردا ئەقلىي ئىقتىدار ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن ، بۇ خىل ئەۋزەللىك ئۇلاردا ئۇلار 42 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن سىجىل ساقلانغان .
پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش مەسئۇلىيىتى ئانىلارغا تاپشۇرۇلغان ئائىلىدە ، گەرچە ئاتا – ئانىسى تەل بولسىمۇ ، لېكىن بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچى ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەقلىي كۈچىدىن ئانچە پەرقلەنمىگەن. ئالىملار يەنە مۇنداق ئەھۋالنى بايقىغان: ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى ( مەسىلەن : كىرىم ، مائارىپ ، كەسىپ ۋە ساغلاملىق قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى دەرىجە ) نىسبەتەن يۇقىرى ئاتىلار بالىلىرىغا كۆپرەك ۋاقىتنى سەرپ قىلىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ئوغۇل ئاسانلا ئاتىسىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىغا ئىگە بولالايدىكەن . بىراق ئانىلار كۆپرەك ھەمراھ بولغان بالىلارنىڭ مەيلى قىز بولسۇن ، ئەقلىي ئىقتىدارىدا زور پەرق بولمايدىكەن . تەتقىقاتچىلار گەرچە بۇنداق نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا باشقا ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمىسىمۇ، يەنى تۇغما ئىقتىدارلىق بالىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىسىمۇ ، لېكىن بۇ نەتىجىنىڭ ئىجابىيلىقىغا چىن پۈتتى . قارىغاندا ئەجدادلاردىن قالغان ‹‹ ئەقىلسىز بالىنىڭ دەردىنى ئاتىسىدىن ئېلىڭ ›› دېگەن ھېكمىتى ھەقىقەتەن ئاساسسىز بولمىسا كېرەك.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)
تېخى باھا يوق