2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.1% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.1% · 98.5 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.08 / 0.18 / 0.21
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 15 سائەت 48 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.38
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3818ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

چۇغلۇق

sarki 4 ھېكمەت

مەلىكە مۇھەممەت ئايزىت

خىيالىي مۇڭدىشىپ يۈردەم سەن بىلەن،
كېچىنىڭ ئۇيقۇسىز كۆزىگە چۆكۈپ.
ئاق ئەمەس قىپقىزىل گۈللەرنى تىزدىم،
سەن ئۈچۈن سىرغىغان قانلارنى يىغىپ.

كەينىمگە يوشۇرۇپ تىزغان دەستەمنى،
ماڭىمەن كۈندۈزنىڭ كۆزىدىن قېچىپ.
جىلۋىدار شەپەقنىڭ يۈرىكى كۆيسە،
قوينۇمغا سالىمەن ھەممىدىن كېچىپ.

گۈلدەستەم باغرىمدا تۇرىدۇ كۈلۈپ،
سېغىنىش سۈيىگە چىلىنىپ تولۇق.
شەبنەمگە سۆيدۈرمەي ساقلىدىم ساڭا،
يۈرىكىم شەكلىدە ئېچىلغان چۇغلۇق.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش