2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى53% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82% · 98.4 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.13 / 0.08 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 14 سائەت 48 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3811ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

ئاسماندىكى تەسىرات

sarki 4 ھېكمەت

ئۆمەرجان سىدىق

ئۇچقۇدا ئولتۇرۇپ، بارىمەن ئۇچۇپ،
كۆكلەردە پەرۋاز قىپ، بۇلۇتلار يېرىپ.
پەسكە قارىسام مودېلدەك گويا،
ھەممە كىچىككە قاپتۇ ئۆزگىرىپ.

شۇنداق ھەقىقەتنى ھېس قىلدىم بىردىن،
ۋىجدان سورىقىدىن سانجىلدى تىكەن.
سەن قانچە ئۆرلىسەڭ باشقىلار پەستە،
كۆزۈڭگە كىچىكلا كۆرۈنەر ئىكەن.

لېكىن ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئوخشاش،
بۇ پەقەت كۆكتىكى زاھىرى سەزگۈ.
كىچىك كۆرسەتمىسۇن شەيتىنىڭ خەقنى،
پەسكە چۈشسەڭلا تەڭ بولىسەن مەڭگۈ.

ئاسماننى قۇچساڭمۇ يىلتىزىڭ يەردە،
بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، چوڭقۇر ھەقىقەت.
ئۇچۇشنى ئۆگەندىڭ، چۈشۈشنىمۇ بىل،
شۇندىلا نۇرلىنار ئوبرازىڭ ئەبەت.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش